باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

كاتالوگ ۋە «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتالوگى» ھەققىدە

2015.05.22 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى، ئۈرۈمچى، 830011)
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە كاتالوگنىڭ مەنىسى، دۇنيا كاتالوگچىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئېلىمىزدە ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە كاتالوگ تۈزۈش ئىشىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىياتى ھەمدە ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر كاتالوگچىلىقىنىڭ رېئال، تارىخىي ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان مەدەنىيەت، تارىخ ۋە تىل- يېزىققا ئائىت ئەسەرلەر كاتالوگى» بىلەن «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تېببىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى»نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كاتالوگ ئۇيغۇر كاتالوگچىلىقى ئەھمىيىتى

«كاتالوگ» دېگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزغا رۇس تىلى ئارقىلىق گرېكچىدىن كىرگەن، ئۇ گرېكچىدىكى «catalogs» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 500 يىللار ئىلگىرى ئىنگلىز تىلىغا قوبۇل قىلىنغان، بىزدىكى ئىستېمال مەنىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى) 860- بەتتە مۇنداق ئىزاھلانغان: بىر تۈردىكى كىتاب، قوليازما قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈلگەن رويخېتى، مۇندەرجىسى، تىزىمى. كاتالوگقا ئالاقىدار يەنە بىر ئاتالغۇ «بىبلىئوگرافىيە» بولۇپ، «كىتاب، پۈتۈك» مەنىسىدىكى «بىبلىئو» دېگەن سۆز بىلەن «رەسىم، سىزما» مەنىسىدىكى «گراف» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى: 1› ئېنىق قائىدە- تەرتىپلەر بويىچە كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەش ۋە كىتابلارنى بەلگىلىك قانۇنىيەتلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىش ئىلمى؛ 2› مەلۇم بىر ساھە ياكى مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ كىتاب ياكى ماقالە- ئەسەرلىرىنىڭ تۈرلەر بويىچە ئايرىلغان كاتالوگى؛ 3› (گېزىت- ژۇرناللاردا بېرىلگەن) كىتاب- ژۇرنال ياكى ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى دېگەندىن ئىبارەت. («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى) 163- بەت) كاتالوگ قەدىمكى دەۋردىكى كىتاب ساقلاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىلمىي مېۋە. بىبلىئوگرافىيە بىر ئىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارادا، جۈملىدىن ئېلىمىزدە خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ھەمدە تەرەققىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن.
كاتالوگ تۈزۈش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ئىش. ئەينى ۋاقىتتا قەدىمكى بابىلۇندا تۈزۈلگەن تۈرلۈك قانۇنلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە رەتلەپ توپلىنىپ، قانۇنلار كاتالوگى تۈزۈلگەن. قەدىمكى ئېرۇسالىمدا يەھۇدىي دىنىغا ئائىت كىتابلار رەتلىنىپ كاتالوگ تۈزۈلگەن. ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىغا كەلگەندە، ئەرەب مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، فارابى قاتارلىق ئالىم- ئۆلىمالار ئەرەب تىلىدىكى كىتابلارنى يىغىپ، رەتلەپ ئىلمىي كاتالوگ تۈزۈپ چىققان. ياۋروپادا ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە كەلگەندە، ھەر خىل ئەسەرلەر رەتلىنىپ، شۇ ۋاقىتتىكى گۈللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ كاتالوگى تۈزۈپ چىقىلغان. روسىيىدە بىبلىئوگرافىيە ئىلىم سۈپىتىدە 19- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە كىتابلار تونۇشتۇرۇلغان بىبلىئوگرافىيە خاراكتېرىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىبلىئوگرافىيە نەزەرىيىسىمۇ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ۋ.گ. ئاناستاسېۋىچ، ۋ. س. سوپىكوۋ، ب. گ. مېژوۋ، ن. ئا. رۇباكىن قاتارلىقلار بۇ نەزەرىيىلەرنىڭ ئاساسچىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. 20- ئەسىردە، ئا. گ فومىن، ئې. ئى. شامۇرىن، ك. ر. سىمونوۋ قاتارلىقلار بىبلىئوگرافىيە ھەققىدىكى ئۇقۇملارنى تارىخىي خاراكتېرلىك خۇلاسىلىدى. دېمەك، بىبلىئوگرافىيە روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىلا بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئۆز نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرۈلۇشكە باشلىغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە بىبلىئوگرافىيىنىڭ ئادەتتىكى نەزەرىيىسى تەتقىق قىلىنغان بولسا، 80- 90- يىللاردىن كېيىن كەسپىي بىبلىئوگرافىيە نەزەرىيىسى تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان.
ئېلىمىزدىكى ئەڭ دەسلەپكى كاتالوگ ئەسىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۇزۇلگەن بولۇپ، كۇڭزىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ليۇ شياڭ ۋە ليۇ شىنلار تۈزگەن «يەتتە خىل كىتابلار» («七略») دېگەن كىتاب جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى كاتالوگ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ كىتابتىن ئىلگىرىكى «جۇاڭزى . جاھان» (《庄子•天下篇》)، «شۈنزى •12 پەرزەنتتىن باشقا» (《荀子•非十二子》)، «خەن فېيزى•زاھىرلىق» (《韩非子•显学》) قاتارلىق بەزى لۇغەتلەردىمۇ بىبلىئوگرافىيىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ليۇ شياڭ، ليۇ شىنلاردىن كېيىن، بىبلىئوگرافىيە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، جى يۈن دېگەن كىشى باش بولۇپ تۈزگەن «تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومۇمىي تىزىمى» (《四库全书总目提要》)نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن، چەت ئەلنىڭ بىبلىئوگرافىيە نەزەرىيىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ئىلىم رەسمىي قولغا ئېلىنغان. شۇ دەۋرلەردە ئېلىمىز بىبلىئوگرافىيە ئىلمىنىڭ پېشىۋاسى ياۋ مىڭدا دېگەن كىشى 1935-1936- يىللىرى «جۇڭگو بىبلىئوگرافىيە تارىخى» (中国目录学发展史) دېگەن كىتابنى يېزىپ، 1936- يىلى نەشر قىلدۇرغان، بۇ جۇڭگونىڭ بىبلىئوگرافىيە تارىخى ۋە نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم تولۇقراق بايان قىلىپ بەرگەن ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز بىبلىئوگرافىيىسى يېڭى بىر تەتقىقات باسقۇچىغا كىردى، بۇ دەۋردە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى بىبلىئوگرافىيىسى ئاساسىدا، چەت ئەللەرنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىنىپ، بىبلىئوگرافىيىنىڭ مەزمۇنى بېيىتىلدى. 1983- يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بىبلىئوگرافىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، بىبلىئوگرافىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس بىبلىئوگرافىيە ھەققىدە بىر قىسىم ئەسەرلەر، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلىپ ۋە ئېلان قىلىنىپ، بىبلىئوگرافىيە خىزمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تورلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1990- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ بىبلىئوگرافىيە ئىلمى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزدە بىبلىئوگرافىيە كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق نۇقتىلىرى قۇرۇلۇپ، بىر قىسىم ياش بىبلىئوگرافلار تەربىيىلەندى، بىر قىسىم يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىلمىي ئەسەرلەرمۇ يورۇقلۇققا چىقتى. گەرچە ھازىر مەملىكەت نۇقتىسىدىن بىبلىئوگرافىيىدە ئالاھىدە يېڭى قاراش ۋە نەزەرىيىلەر ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۇتۇپخانىلارنى مەركەز قىلغان ئىنتېرنېت تورى كاتالوگلىرى مەيدانغا كەلمەكتە.
بىبلىئوگرافىيە ئىلىم سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەتقىق قىلىنىشى ئانچە ئومۇملىشىپ كەتمىگەن بىلەن، كاتالوگ تۈزۈش بىزگە نىسبەتەن يات ياكى يېڭى ئۇقۇممۇ ئەمەس. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، بىزدىمۇ بۇرۇندىنلا كاتالوگ تۈزۈش ئادىتى بولغان. ئالايلى، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە، قەشقەردىكى ھەمىدىيە مەدرىسىدە شۇ ۋاقىتتىكى تالىپلارنىڭ ئوقۇشىغا، پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ قەشقەرى دېگەن كىشى ئەرەب- پارسچىدىكى ئوقۇشلۇق، پايدىلىنىش كىتابلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ، شۇ كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈپ چىققانلىقى مەلۇم. تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئۆز زامانىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلۇغبەگنىڭ پەرمانى بىلەن قەدىمكى كىتاب- قوليازمىلار توپلاپ، رەتلىنىپ، ئوردا پۈتۈكچىلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس قەدىمكى ئەسەرلەر كاتالوگى تۈزۈلگەن. 15- ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىي «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ كاتالوگىنى كۆرسەتسە، «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە 458 نەپەر شائىر ۋە ئۇلارنىڭ بىر نەچچىدىن ئەسىرىنىڭ تىزىمىنى كىرگۈزگەن، مىلادىيە 1854- 1855- يىللىرى (ھىجىرىيە 1271- يىلى) يېزىلغان موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۇئىجىزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» ناملىق ئەسەرگە خەرىرى، فارابى، نەۋائىي، ئاماننىساخان قاتارلىق 17 نەپەر مۇزىكا- مۇقام ئۇستازلىرىنى تەرتىپ بويىچە كىرگۈزۈپلا قالماي، ھەر بىر ئۇستازنىڭ ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئەسىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىمۇ رويخەتكە ئالغان. 19- ئەسىردە قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھۇررىدىن ھېكىمبەگ ئەينى دەۋرنىڭ مەشھۇر ئالىم- ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇرەھىم نىزارى، نەۋرۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى، تۇردى نازىم غېرىبى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، قەدىمكى كىتاب- قوليازمىلارنىڭ كاتالوگىنى تۈزدۈرگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ كاتالوگ تۈزۈش ئىشى بەزى فۇنكسىيىلىك تارماقلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن رەسمىي بىر خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇلدى. 1957- يىلى شىنجاڭ يەرلىك مۇزېيىغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى تىل، تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر 74 پارچە ئەسەردىن تەركىب تاپقان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرىنىڭ كاتالوگى»نى تۈزۈپ، شۇ يىلى 5- ئايدا مىخ مەتبەئەدە باستۇردى. 1962- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ مۇزېيى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادقا ئائىت 172 پارچە ئەسەر، دىن، پەلسەپەگە ئائىت 104 پارچە ئەسەر، تىل- ئەدەبىياتقا ئائىت 217 پارچە ئەسەر (جەمئىي 493 پارچە ئەسەر)نىڭ تىزىمى كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ كىتابلىرى كاتالوگى»نى تۈزۈپ شاپىگىرافتا باستۇرغان. 1980- يىللاردىن كېيىن، شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئەسەرلەر كاتالوگلىرى ئايرىم كىتاب تەرىقىسىدە نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. ئالايلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش، پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى «شىنجاڭ رايونىدىكى كىتابلار مۇندەرىجىسى توپلىمى» (1-2- قىسىم)نى 1985- يىلى شاپىگىراف باسمىسىدا ئېلان قىلدى. 1988- يىلى يەنە يۇقىرىقى ئورۇن «ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»نى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇردى. دىلبەر ياقۇپ، ئابلاجان تۇرغۇنلار تۈزگەن «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى كىتابلار مۇندەرىجىسى» ناملىق كاتالوگ 1990- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كاتالوگقا 1981- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە مەزكۇر نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان كىتابلار كىرگۈزۈلگەن. تۇرسۇنمۇھەممەد سابىت تۈزگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەرسلىك ماتېرىياللار بۆلۈمى 1991- يىلى شاپىگىرافتا باستۇرغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىي ماتېرىياللار كاتالوگى»غا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە، ياپونچە، نېمىسچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە تىللاردىكى ئالاقىدار 3540 پارچە، ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىرى بار شائىر، ئەدىبلەرنىڭ بىرقانچە خىل تىلدىكى باسما ۋە قوليازما ئەسەرلىرىدىن 660 پارچە، جەمئىي 4200 پارچە ماتېرىيال تىزىملىكى كىرگۈزۈلگەن. رەخىمە ئوسمان، خالىدە شاھرەھمان قاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر كاتالوگى» 1993- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۇ كاتالوگقا 1980- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرچە گېزىت («شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىنغانلىرى 1950- يىلدىن بۇيانقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئائىت 2600 دىن ئارتۇق ماقالە ۋە تارىخىي ماتېرىيال (خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لارنىڭ تىزىمى كىرگۈزۈلگەن. ئابلاجان تۇرغۇن تۈزگەن «مەرىپەت بۇلىقى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» ناملىق كاتالوگ 1996- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنغان، بۇ كاتالوگقا 1981- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە مەزكۇر نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان بارلىق كىتابلار كىرگۈزۈلگەن. راھمان خانبابا تۈزگەن كاتالوگ ئاساسىدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى تولۇقلاپ تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەر كاتالوگى» 1998-، 1999- يىللىرى «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىندى، تۇرنىسا روزى بىلەن ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش تۈزگەن «چەت ئەللەردىكى تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» ناملىق كاتالوگ 2003- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، مەزكۇر كاتالوگقا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىلغا ئائىت مۇھىم كىتاب ۋە ماقالىلىرى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تىل تەتقىقات ئاپپاراتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت كىتابلار ۋە ماقالىلەرنىڭ نامى، ئاپتور ئىسمى، نەشر قىلىنغان ۋاقىت ۋە ئورۇن قاتارلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى. ئارزۇگۈل تۇراپ، شادىيە سابىت، گۈلشەن بەسىرلەر تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى» ناملىق كىتابقا «يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلەر بىبلىئوگرافىيىسى» ماۋزۇسىدا 1400 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنىڭ كاتالوگى بېرىلدى. بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىمۇ مەزكۇر ژۇرنالدا نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر كاتالوگىنى ئىشلىدى. ئالايلى، 1984- يىلى «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى 30 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى، 1985- يىلى «تارىم» ژۇرنىلى 30 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى، 1989- يىلى «بۇلاق» ژۇرنىلى 9 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگنى، 1995- يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلى 15 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى، 1996- يىلى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 15 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى، 2001- يىلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى 20 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى، 2002- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 15 يىللىق ئەسەرلەر كاتالوگىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىمۇ كاتالوگنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى تولۇق چۈشەنگەچكە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۇرەش مەخسۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، قەدىمكى ئەسەرلەر كاتالوگىنى تۈزدۈردى. 2005- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۆز قارمىقىدىكى قەدىمكى قوليازمىلارنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاكادېمىيە كۇتۇپخانىسى ۋە ئالاقىدار تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈملىرىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەپ، يۇقىرىغا تاپشۇردى. ئۇندىن باشقا ئەشرەپ ئابدۇللا ئاپتورلۇقىدىكى «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى بىبلىئوگرافىيىسى»، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تېماتىك كاتالوگى»، نىزامىدىن توختى تۈزگەن «مەۋجۇدات كان» (يۇقىرىقى ماقالىلەر «كىتاب مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1999-، 2000- يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان)، غەيرەتجان ئوسمان ئاپتورلۇقىدىكى «نەۋائىي تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» («مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2003- يىللىق 3- سان خەنزۇچە)، «جۇڭگودا موللا بىلال تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى» مەجمۇئەسى 2000- يىللىق 4- سانى)، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» («شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ 20 يىلى» غا بېغىشلانغان مەجمۇئەنىڭ 2000- يىللىق 2- سانى)، كۈرەش تاھىر ئاپتورلۇقىدىكى «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ چەت ئەللەردە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى» («غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» 2002- يىللىق 3- سان، خەنزۇچە)، «‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ چەت ئەللەردە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇچۇرلىرى» 2006- يىللىق 3- سان، خەنزۇچە)، مۇھەممەد ئابدۇۋەلى ئاپتورلۇقىدىكى «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ياپونىيىدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى» («تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» 2000- يىللىق 3- سانى) قاتارلىق بىبلىئوگرافىيە تۈسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
كاتولوگ بىر دۆلەت، بىر مىللەت ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر ئىلىم بولغاچقا، ئېلىمىزدە ۋە چەت ئەللەردە بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى بىبلىئوگرافىيىنىڭ قايسى تەرەپلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، قانداق جارى قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئورنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى، ھاياتى كۈچى، بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما. چەت ئەللىكلەر كاتالوگ تۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بىر پارچە ئەسەر ياكى ئىلمىي ماقالە يازماقچى بولسا، شۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇرۇن ئىشلەنگەن ئەسەر- ماقالىلەرنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈۋالىدۇ ياكى تەييار كاتالوگ بولسا، شۇنىڭدىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى تېپىپ ئوقۇپ، ئاندىن ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەر ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا كاتالوگنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
پەن- تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئېھتىياجى كۆپ خىللاشتى، ئۇنىۋېرساللاشتى ۋە ئىجتىمائىيلاشتى. كاتالوگ دەل ئەشۇنداق ئىجتىمائىيىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىدىغان كۆۋرۈك. كاتالوگ كەسپىي ۋە ئىلمىي ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئۇلۇغ ئالىم فارابى (مىلادىيە 870 – 950- يىللار)نىڭ ئىلىم- پەنگە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ دەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئەسەر يازغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس ئىدى، تۈركىيە ئالىمى ئەھمەد ئاتەش «فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق كىتابىدا فارابىنىڭ ئىلىم- پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە يازغان 160 پارچە ئەسىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنچە ئۆزبېكىستانلىق بىر فارابىيشۇناسمۇ «فارابىي ئەسەرلىرى بىبلىئوگرافىيىسى»نى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا فارابىنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنىڭ تىزىملىكى كىرگۈزۈلگەن. يەنە مەسىلەن، 19- ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن نەۋرۇز ئاخۇن كاتىب زىيائىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا تولۇقراق جاۋاب بېرىلمەي كېلىنگەنىدى، 1991- يىلى ئۇنىڭ ئايرىم بىر قوليازمىسى تېپىلغان بولۇپ، قوليازمىغا ئۇنىڭ بىر بۆلۈك ئەسەرلىرى ۋە زىيائىي ئەسەرلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى (كاتالوگى) كىرگۈزۈلگەن. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، كاتالوگ قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدىن ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياش قەلەمكەش ۋە تەتقىقاتچى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتالوگى» (تارىخ- مەدەنىيەت قىسمى) (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004- يىلى 7- ئايدا نەشر قىلىنغان) ۋە ئىككى توملۇق «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تېببىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 2006- يىلى 6- ئايدا نەشر قىلىنغان) ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تېبابىتى، ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ كاتالوگنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كاتالوگلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتالوگى» (تارىخ- مەدەنىيەت قىسمى)غا ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك ئىلمىي، ئەدەبىي ژۇرناللار ۋە گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغانئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار 14 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر- تىل- يېزىقىدا نەشر قىلىنغان 1500 پارچە كىتابنىڭ تىزىملىكى 335 تۈر بويىچە كىرگۈزۈلگەن. ھەر بىر ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتور ئىسمى، نەشر قىلىنغان ئورۇن، ۋاقىت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن. گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ نامى، ئاپتورى ۋە ئېلان قىلىنغان گېزىت- ژۇرنال، ئۇنىڭ قايسى يىل، قايسى سانىغىچە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلگەن. «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تېببىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىغا1951- يىلىدىن 2005- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «تارىم» (1951- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان جەمئىي 538 ساندىكى 22 مىڭ ئەسەر)، «بۇلاق» (1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 105 ساندىكى 1470 پارچە ئەسەر)، «مىراس» (1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 92 ساندىكى 1590 پارچە ئەسەر)، «تۇرپان» (1981- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 99 ساندىكى5090 پارچە ئەسەر)، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» (1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 116 ساندىكى 3957 پارچە ئەسەر)، «يېڭى قاشتېشى» (1979- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 146 ساندىكى 8935 پارچە ئەسەر)، تەڭرىتاغ» (1986- يىلىدى 2005- يىلىغىچە بولغان 113 ساندىكى 4994 پارچە ئەسەر)، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» (1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان 47 ساندىكى 802 پارچە ئەسەر) قاتارلىق ژۇرنال ۋە مەجمۇئەلەردە ئېلان قىلىنغان جەمئىي 48 مىڭ 838 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن. 2- قىسمىغا 1951- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ھەرقايسى نەشرىياتلار نەشر قىلغان 2594 پارچە كىتاب ۋە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» (1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 5570 پارچە ئەسەر)، «ئىلى دەرياسى» (1978- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 5097 پارچە ئەسەر)، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» (بۇ ژۇرنال 1951- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان، كاتالوگقا كىرگۈزۈلگىنى 1985- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 1467 پارچە ئەسەر)، «شىنجاڭ ياشلىرى» (بۇ ژۇرنال 1954- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان، كاتالوگقا كىرگۈزۈلگىنى 1992- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 8892 پارچە ئەسەر)، «شىنجاڭ ئاياللىرى» (1984- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 5856 پارچە ئەسەر)، «قەشقەر ئەدەبىياتى» (بۇ ژۇرنال 1972- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان، كاتالوگقا كىرگۈزۈلگىنى 1980- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 11214 پارچە ئەسەر)، «جۇڭگو مىللەتلىرى» (بۇ ژۇرنال 1988- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان، كاتالوگقا كىرگۈزۈلگىنى 1990- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 1915 پارچە ئەسەر)، «كىرورەن» (ئىچكى ژۇرنال، 1979- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان4696 پارچە ئەسەر)، «مايبۇلاق» (1977- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 4759 پارچە ئەسەر)، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» (1986- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 1709 پارچە ئەسەر)، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» (1991- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 1016 پارچە ئەسەر)، «ساقلىقنى ساقلاش» (1983- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان 4685 پارچە ئەسەر)، «كىتاب مۇنبىرى» (تارىخى ئۇزۇن ئىچكى ژۇرنال، 507 پارچە ئەسەر)، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» (1952 پارچە ئەسەر) قاتارلىق سىياسىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، كەسپىي، نەزەرىيىۋى خاراكتېرلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان 59 مىڭ 335 پارچە ئەسەر كونكرېت تۈرلەر بويىچە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئىككى ئىككى قىسىم كاتالوگقا جەمئىي 108 مىڭ 135 پارچە ئەسەرنىڭ تىزىمى كىرگۈزۈلگەن.
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتالوگى» (تارىخ- مەدەنىيەت قىسمى) ۋە «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تېببىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» (1-، 2- قىسىم) ئۇيغۇر كاتالوگچىلىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى كەسىپ ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى مول ماتېرىيال مەنبەسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى. مەزكۇر «كاتالوگ» ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، يىل دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ساھەسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئىلگىرىكى كاتالوگلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ۋە ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى، ئۇچۇر قىممىتىگە، ۋاقىت تيېجەشچانلىق قىممىتىگە ۋە ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. مەزكۇر «كاتولوگ» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئوگانلىرى، پەن تەتقىقات خادىملىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپرانتلار، شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەتقىقات، ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتتىكى كۆزقاراشلىرىنى دەلىل ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېما تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆز تېمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئاپتورلارنىڭ مۇشۇ تېما ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئارتۇقچە ياكى بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن خالىي قىلىدۇ. پايدىلانغۇچىلارنى نەزەرىيە، كۆزقاراش، مېتود، سانلىق مەلۇماتنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئەسىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئىككىنچى، شۇ دەۋرنىڭ تىل- يېزىق ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كاتالوگ ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەتنىڭ روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كاتالوگقا 50- يىللاردىن بۇيانقى تىل- يېزىق، مەدەنىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى ئەسەرلەر، بولۇپمۇ ئورخۇن- يېنىسەي دەۋرىدىن تارتىپ، يېقىنقى زامانغىچە، چوڭ ئىشلاردىن تارتىپ مەلۇم شەخسلەرگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخنى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىزنى مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مانا مۇشۇ تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلالايمىز ھەم ئۇلارغا ئوبيېكتىپ باھا بېرەلەيمىز.
ئۈچىنچى، كاتالوگقا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر تىزىملىكىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىجادىيەتتە بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي ئىزىنى ئەسلەپ، تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەينەك بولىدۇ.
تۆتىنچى، پەن تەتقىقات، ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات، ئىجادىيەت مۇساپىسىدە قالدۇرغان ئىزلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات، ئىجادىيەت مېۋىلىرىدىن ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىدۇ ھەمدە ھەر بىر زىيالىنىڭ ئۆزىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىنى مول ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۈنۈگۈنمۇ ئەسلى كەلگۈسى ئىدى، ئۇنىڭ بۈگۈنگە ئايلىنىپ، ئاندىن تۈنۈگۈنگە ئايلانغىنى ئىنتايىن تېز بولغىنىدەك، ئەتىنىڭمۇ بۈگۈنگە، ئاندىن تۈنۈگۈنگە ئايلانمىقى ناھايىتى تېزلا بولىدۇ. 50- يىللاردىكى جۇشقۇن بىر ئەۋلاد ئىلىم- پەن خادىملىرىمىز، يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بىز بىلەن ۋىدالاشتى، بىر قىسمى مانا ئەمدى بەللىرى مۈكچەيگەن، كۆزلىرى خىرەلەشكەن بوۋاي- مومايلارغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى قان- تەرىنىڭ مېۋىسىدىن ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىش ھازىرقى زامانداشلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. بۇنى تونۇپ يەتكەن ياش تەتقىقاتچى ۋە ئىزدەنگۈچى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ھەم جاپالىق، ھەم ساۋابلىق بىر ئەمگەكنى ئىشلەپ تاماملاپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. كاتالوگ تۈزۈشنىڭ جاپالىق يېرى شۇكى، ئۇ ھەم قول تۇتىدىغان، ھەم زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ئىش. ئەڭ ئەقەللىيسى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مۇنتىزم نەشرىياتچىلىق ۋە مەتبۇئاتچىلىقىمىزدا يورۇقلۇققا چىققان ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەرقايسى ژانېرلىرىغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تېپىش، ئۇنى يىل دەۋرى، ژانېر ئايرىمىسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىش، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، رەتلەپ چىقىش ھېچقانداق بىر ئورۇن ۋە كوللېكتىپنىڭ ياردىمىسىز شەخسىي مەبلەغ بىلەن نەشر قىلدۇرۇش كىشىدىن تولىمۇ زور چىدام ۋە غەيرەت، خەلقنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىغا ئايانماسلىقتەك قۇربان بېرىش روھى تەلەپ قىلىدۇ. مانا مۇشۇ جاپالىق ئەمگەك ۋە مەسخىرىلەرگە چىداشمۇ بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. «كاتالوگ» تۈزۈشنىڭ ساۋابلىق يېرى شۇكى، ئۇ پەقەتلا ئاپتورنى مەنىۋى شۆھرەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، مۇھىمى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنى، يازغۇچى- شائىرلىرىنى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى، شۇنداقلا كەڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنى ئەتراپلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىلمىي، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىگە قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىلمىي، ئەدەبىي ئىجادىيەت مېىۋىلىرىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تەبىئىي پەن ئەسەرلىرى كاتالوگى»نىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ئەتراپلىق خۇلاسىلانغۇسى. ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت، تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر