باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىمىزدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىدىن قىسقىچە بايان*

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.10 12:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىمىزدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىدىن قىسقىچە بايان*
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە بۇ ساھەدە ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسەرلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ 60 يىللىق نەتىجىسى نامايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: جۇڭگو ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات نەتىجە

ئېلىمىزدە، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ۋە قەدىمكى تىل- يېزىق تەتقىقاتى ساھەسىگە بولغان قىزىقىش كېيىنرەك، يەنى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن ئىلھام ئېلىش، ئۆزىمىزدە بار تىرىك تىل ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز تىل- يېزىقىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنى خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇش، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ بەزى خاتا كەتكەنقاراشلىرىنى تۈزىتىش قاتارلىق ئەمگەكلەر قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپكى تونۇشتۇرۇش، ساۋات خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر بىلەن باشلىنىپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، يەنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بىر قىسىم مۇھىم ئەمگەكلەر ئىشلىنىشكە باشلىدى.
ئېلىمىز ئالىملىرىدىن تۈركولوگىيە ساھەسىگە، يەنى قەدىمكى تىل- يېزىق ۋە ۋەسىقە تەتقىقاتىغا دەسلەپ كىرىشكىنى فېڭ جياشېڭ ئەپەندى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبراھىم مۇتىئىي، گېڭ شىمىن، خۇ جېنخۇا، خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمان، ئىمىن تۇرسۇن، تۇرسۇن ئايۇپ، قۇربان ۋەلى، ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقېييۇم خوجا، لى جىڭۋېي، ئابدۇرەئۇپ پولات، جاڭ تيېشەن، ياڭ فۇشۆ، نيۇ رۇجى، ئابدۇرېشىت ياقۇپ... قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلىرىنىڭ تارىخى، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەھۋالى ۋە بۇ تىل- يېزىقلار بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ ساھىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قوشتى. بۇ جەھەتتە پېشقەدەم تىلشۇناس گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە تونۇشتۇرغانلىقىنى ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، پېشقەدەم تىلشۇناس، ئالىم ئىبراھىم مۇتىئىينىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىمۇ ئازادلىقنىڭ ھارپىسى ۋە دەسلىپىدە ئېلىمىزدە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈركىي تىللىرىنى جامائەتكە تونۇشتۇرغان ئەسەرلەر جۈملىسىدىندۇر.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى قايتىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجاندى. «ئوغۇزنامە»، مەڭگۈتاش تېكستلىرىنىڭ تەرجىمىسى (ئايرىملىرى)، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «مائىترى سىمىت»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»، شۇنداقلا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى ۋە مۇشۇ دەۋر تىل- يېزىقىغا دائىر مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ يېزىلىشى قاتارلىقلارنى بۇ جەھەتتىكى
_____
* مەزكۇر ماقالە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ 2010- يىللىق تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»نىڭ باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىسى. تەستىق نومۇرى: 10BYY076
دەسلەپكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلەر دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ 11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى قەدىمكى تىللار تەتقىقاتىدىكى نۇرغۇن مۇجىمەل قاراشلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئېلىمىزدە ئازادلىقنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىبراھىم مۇتىئى، لى سېن قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى دەرسلىكلرى ۋە ماقالىلىرى، شۇنداقلا شۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن ئىملا قائىدىلىرى ۋە تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى 1955- يىلىدىن كېيىنكى مەملىكەت خاراكتېرلىك تىل تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 50- يىللارنىڭ باشلىرىدا ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ئېلىپبە»دىن تارتىپ، 60- يىللاردىكى يېزىق ئۆزگەرتىش جەريانىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گىرامماتىكىسى (سىنتاكسىس)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى ئەسەرلەر ۋە دەرسلىكلەر بارلىققا كەلدى. بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى دېيىشكە بولىدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم پېشقەدەم تىلشۇناسلار ئىلىم- پەن باھارىدىن كېيىن قايتىدىن ماغدۇرغا كېلىپ، بۇ ساھەدە ئەسەرلەرنى يېزىشقا، سەل قارالغان بەزى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەندىزىدىن گۇمانلىنىشقا ۋە بۇ جەھەتتە ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن فورما بېكىتىشكە قاراپ يۈزلەندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بېغىشلانغان ئەمگەكلەردىن ۋېي سۈييىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت تۆمۈرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە)، تۇردى ئەھمەت، نەسرۇللا يولبولدى، ئەنسەرىدىن مۇسالارنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، سۇلايمان سەپەرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، كۈرەش مەھمۇدجان رەئىسى قاتارلىقلارنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» قاتارلىق ئەسەرلەر نەشر قىلىندى.
بۇ ساھەدە پىشقەدەم ئۇستازلاردىن خەمىت تۆمۈر، ئابدۇكېرىم باقى، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى، تۇردى ئەھمەد ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 1954-، 1963-، 1973-، 1983- يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۆت قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئۆز دەۋرى ۋە شارائىتىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىدا، ئىملانىڭ بىر ئىزغا چۈشۈشىدە، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ۋە نوپۇزىنىڭ ئېشىشىدا خېلى ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدىن ۋە ئېھتىياجىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ سىستېمىلىق ھەل قىلىنمىغانلىقى مەلۇم بولدى. 1980- يىللاردىن كېيىن تىلشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇ جەھەتتە ئەڭ تالاش- تارتىش قوزغىغىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىنى فونېتىكىلىق پىرىنسىپتا ھەل قىلىش كېرەكمۇ ياكى مورفولوگىيەلىك پىرىسنىپتا ھەل قىلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە بولدى. 1985- يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى» بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بىر قۇر تۈزەتكەن بولدى.
بىر تىلدىكى ئىملا مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جانلىق تىل دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە مۇنداق ئۆزگىرىش يېزىق تىلىغا قارىغاندا تېز بولىدۇ ھەم يېزىق تىلىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر دەۋردە يېزىق تىلى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قائىدە- ئۆلچەملەر يەنە بىر دەۋردىكى تىل ئەمەلىيىتىگە توغرا كەلمەي قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن 1997- يىلى ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىلىپ تولۇقلاندى. 2009- يىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىلىپ، بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان ئاساستا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
دىيالېكىتشۇناسلىقمۇ ئېلىمىزدە چەت ئالىملىرى باشلاپ بەرگەن يول بويىچە ئازادلىقتىن كېيىن رەسمىي ئىلىم سۈپىتىدە تۇتۇلۇشقا باشلىدى. 1955- يىلى ۋە 1956- 1957- يىللىرىدىكى تىل تەكشۈرۈش ئاساسىدا 1980- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت- شېۋىلىرى رەسمىي سىستېمىلىق ئايرىلىپ، بۇ ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكت، خوتەن دىيالېكتى ۋە لوپنۇر دىيالېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دىيالېكىت رايونىغا بۆلۈنىدىغانلىقى، مەركىزىي دىيلېكىتقا تەۋە ئۈرۈمچى شېۋىسىنىڭ يېتەكچى ئەدەبىي تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ساھەدىكى تالاش- تارتىشقا خاتىمە بېرىلدى. بۇ ساھەدە مەرھۇم غۇلام غوپۇرىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرى سۆزلۈكى»، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى»، فۇ ماۋجى، ھاشىم تۇردى، مېھراي ياقۇپ قاتارلىقلارنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر تەلەپپۇزى ئۈستىدە تەتقىقات»، مېھراي ياقۇپنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، خالىق نىياز، مۇھەببەت قاسىملارنىڭ «فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش»، مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللانىڭ «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرى ۋە تىل تەكشۈرۈش»، مۇھەببەت قاسىم يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى تەتقىقاتى»، پەرھاد جىلان، ئامىنە غاپپار، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت- شېۋىلىرى لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، تىلشۇناسلار ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلغان ئېلىمىز ئالىملىرىدىن لى سېن، مىرسۇلتان ئوسمان، ئامىنە غاپپار، چېن زۇڭجېن، غۇلام غوپۇرى، لى جىڭۋېي، گاۋ شىجيې، مۇھەببەت قاسىم، ئارسلان ئابدۇللا، ھاشىم تۇردى، مېھراي ياقۇپ قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
لۇغەتشۇناسلىق ــــ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بىرى. بىزدە تۈزۈلگەن لۇغەتلەر تىل ئايرىمىسى جەھەتتىن بىر تىللىق، قوش تىللىق ھەم كۆپ تىللىق لۇغەتلەر، مەزمۇنى جەھەتتىن ئىزاھلىق ۋە سېلىشتۇرما لۇغەتلەر دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت لۇغەتشۇناسلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان»ىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» قاتارلىقلارنىمۇ سېلىشتۇرما لۇغەتچىلىكنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن لۇغەتچىلىك ئىشلىرىمىز تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 1990- يىللاردىن كېيىن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» بۇ جەھەتتە ئۇزۇندىن بۇيان ئاق قالغان بوشلۇقنى تولدۇردى. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك»، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت»، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» «مەنىداش سۆزلەر لۇغىتى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىقلار ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى، پايدىلىنىشچانلىقى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بۇرۇنقى لۇغەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇندىن باشقا، ھەرقايسىي كەسىپلەرگە بېغىشلانغان كەسپىي لۇغەتلەر، ئەپلىكلىكى ۋە سىغىمىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەر، كومپىيۇتېر لۇغەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
ئېلىمىزدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى، دىيالېكىت- شېۋىلىرىغىچە بولغان تىل- يېزىق تەرەققىياتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئالىملاردىن تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
گېڭ شىمىن ئەپەندى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىلا تۈركولوگىيە ساھەسىگە كىرىشكەن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ قەدىمكى تىل- يېزىق ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلەرگە بېغىشلاپ مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. ۋەكىللىكلىرىدىن «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دراما ‹مائىترى سىمىت›نىڭ ئىككىنچى پەردىسى ئۈستىدە تەتقىقات»؛ گېڭ شىمىن ۋە كلىمكېت (Klimkeit H. J.)، پېتىر لائۇتلار بىلەن بىللە تەتقىق قىلىپ، گېرمان تىلىدا ئېلان قىلغان «‹مائىترى سىمىت›نىڭ 10-، 11-، 13-، 14-، 15-، 16- پەردىلىرى» قاتارلىقلار بار. گېڭ شىمىن ئەپەندى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت «ئاۋاتامساكا» ۋە «ئابىدارما كوسا» قاتارلىق ۋەسىقىلەرنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلدى. گېڭ شىمىن ئەپەندى كلىمكېت ۋە پېتىر لائۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 1981- يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى دىنى فىراگمېنتلىرىنى گېرمانىيەدە گېرمان تىلىدا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قەدىمكى تۈركىي تىلى گىرامماتىكىسى»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى مەڭگۈتاشلار ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇر قەدىمكى دەۋر ۋەسىقىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى- سىرتىدا يۇقىرى تەسىرگە ئىگە.
بۇ دەۋردە ئېلىمىزدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناسلاردىن ئىبراھىم مۇتىئىي ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوفلار «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىپ نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى ھەمدە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەقبەرىسىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى 1981- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، 2002- يىلى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى ئاساسىدا 2008- يىلى تۈزىتىلىپ، فاكسىمىل، ئىندېكسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قايتىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىشى، ئورقۇن ئابىدىلىرى تىلى لۇغىتىنىڭ قولغا ئېلىنىپ ئىشلىنىشى قەدىمكى تىللار تەتقىقاتىنىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ يۈكسەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئېلىمىز تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ يەنە بىر داڭلىق ئاساسچىسى لى سېن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا «قەدىمكى تۈركىي تىلى توغرىسىدا»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا»، «يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناسى خەمىت تۆمۈر شاگىرتى ئابدۇرەئۇپ پولات بىلەن بىرلىكتە «چاغاتاي تىلى» دېگەن كىتابنى تۈزدى ھەمدە نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىنى نەشرگە تەييارلىدى. خەمىت تۆمۈر ئەپەندى يەنە «بابۇرنامە»نى رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىدى ھەمدە «چاغاتاي يېزىقى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
لى جىڭۋېي ئەپەندى 1987- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە ھەرقايسى ئىلمىي ژۇرناللاردا نەچچە 10 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. 1989- يىلى «تۇرپاندىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، 1996- يىلى «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات» دېگەن كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. ئۇندىن باشقا، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ مۇقەددىمىسىنىڭ تەرجىمىسى»، « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تىپى ۋە شەكلى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
قەدىمكى يېزىق، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندى «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» دېگەن كىتابىنى 1986- يىلى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدۇردى، بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىن تېپىلغان تىل- يېزىقلار ھەققىدە يېڭى، ئىلمىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاز ئۇچرايدىغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى. ئىسراپىل يۈسۈپ، دولقۇن قەمبىرى، ئابدۇقېييۇم خوجىلار بىرلىكتە تۈزگەن «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹مائىترى سىمىت›»(1) 1988- يىلى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا بىر كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى. ئىسراپىل يۈسۈپ يەنە «تۇرپان بېزەكلىكتىن يېڭىدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. دولقۇن قەمبىرى بىلەن ئىسراپىل يۈسۈپ بىرلىكتە «تۇرپاندىن يېقىندا تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرنەچچە پارچە ھۆججەت ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىنى 1988- يىلى ياپونىيەدە ئېلان قىلدى. 1985- يىلى ئىسراپىل يۈسۈپ يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئابدۇرېھىم نىزارى دىۋانى»نى نەشرگە تەييارلىدى.
ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىغا دائىر «چاغاتاي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى»، «چاغاتاي تىلىدىكى 25- ئۈزۈك تاۋۇش ‹?›» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ 1993- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلەر» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى، كىتابقا 22 پارچە ئىلمىي ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇر تىلى بولغان چاغاتاي تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردۇر. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل بايان»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇردى.
قاھار بارات تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «خۇييۈەن تەزكىرىسى»نىڭ فىراگمېنتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ 3- جىلدى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ 9- جىلدى» قاتارلىق ماقالىلارنى ھەمدە قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى خىرىستىيان دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەرگە ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
قازاق تىلى مۇتەخەسسىسى لى زېڭشياڭ ئەپەندىمۇ «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىك» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. لى گوشياڭ ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ پېشىۋاسى ئىدى، ئۇنىڭ 1992- يىلى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ئۆمۈرلۈك ئەمگىكى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»نىڭ نۇرغۇن بابلىرى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىغا چېتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «‹قۇتادغۇ بىلىك›قانداق ئەسەر» قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان.
ياش ئالىم جاڭ تيېشەن «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ساقلىنىۋاتقان ST Kr•4/638 نومۇرلۇق ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتنىڭ تەرجىمىسى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ 7- پارچىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئېلىمىزدە ساقلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى ‹ئىرق بىتىك›نىڭ تەرجىمىسى» (جاۋ يۇڭخۇڭ بىلەن ھەمشېرىك) قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ۋاڭ مېيتاڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ۋاراق، ئىككى بەتلىك «ئابىدارما كوسا»نىڭ فراگمېنتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەردىكى خەنزۇچە خەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش ۋە ئوقۇش ئۇسۇلى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ ۋاراق ‹ئاگاما نومى›نىڭ فىراگمېنتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرى شىمالىي رايونىدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى كۆرۈشتىن تەسىرات»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تىلىدىكى ئۇرغۇ» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكى»، «تۈركىي تىلى ۋەسىقىشۇناسلىقى»، «مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلىرىگە ئومۇمىي نەزەر»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تىلى تەزكىرىسى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى.
مول ھوسۇللۇق ياش ئالىم ياڭ فۇشۆ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلدى. ئاساسلىق ماقالىلىرىدىن يەنە «يۈەن دەۋرىدىكى قۇچۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يانچىنى بوشىتىش مۇراجىئەتنامىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىككى پارچە يارلىقنىڭ تەرجىمىسى»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قەرز ھۆججىتى»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تامغا ھەرپ»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر پارچە قىممەتلىك ئىبادەتخانا ئىقتىسادىي ھۆججىتى»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى ‹تەس مەڭگۈتېشى›نىڭ تەرجىمىسى»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توقماققا ئويۇلغان يېزىقلار ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە پروفېسسور نيۇ رۇجى بىلەن بىرلىكتە «دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر ۋاراق ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى فىراگمېنت»، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان بالدۇرقى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆرپ- ئادەتكە ئائىت ۋەسىقىنىڭ تەرجىمىسى»، «مانى دىنى ئابدەتخانىسىدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتنىڭ بىرنەچچە يېرى ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «بىر پارچە مانى دىنى ۋەسىقىسىدىن قۇچۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرنەچچە مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «ئەنشى يۈلىن غارىنىڭ 25- ئۆڭكۈرىنىڭ دالان تام رەسىمىدىكى قۇچۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بەش پارچە مانى دىنىغا ئائىت ۋەسىقە ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «دۇنخۇاڭدىكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ياڭ فۇشۆ ئەپەندى يەنە «قۇملۇق ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىقىلىرى» (نيۇ رۇجى بىلەن ھەمشېرىك)، «غەربىي يۇرت ـــ دۇنخۇاڭ دىنلىرى ھەققىدە»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرىدا بۇددا دىنى»، «غەربىي يۇرت دۇنخۇاڭدىكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى.
ياش ئالىم ئابدۇرېشىت ياقۇپ «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نىستورىيان دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ فىراگمېنتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئورقۇن تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ‹ئونگېن مەڭگۈتېشى›نىڭ تەرجىمىسى» ۋە «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نىستورىيان دىنىغا ئائىت ۋەسىقە ‹بۆگۈقاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى›» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە «ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىلىرىنىڭ تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما» ناملىق مەخسۇس ئەسىرىنى نەشر قىلدۇردى.
پروفېسسور نيۇ رۇجى 1988- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات تارىخى ۋە ۋەسىقە تەتقىقاتىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدى. ئاساسلىقلىرىدىن «ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر يېزىق تارىخىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹بۆگۈقاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى›نىڭ فىراگمېنتلىرىنىڭ تەرجىمىسى»، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۆت پارچە خەت- ئالاقە ھۆججىتى»، «9- 10- ئەسىر ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۆت پارچە خەت- ئالاقە ھۆججىتىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى»، «مانى يېزىقى ۋە مانى يېزىقىدىكى قەدىمكى تۈركىيچە ۋەسىقە»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى›ئۈستىدە تەتقىقات»، «9- 10- ئەسىرگە تەۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئالتە پارچە ئۇيغۇرچە سودا خەت- ئالاقە ھۆججىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يەتتە پارچە بۇددا دىنىغا ئائىت ۋەسىقە ئۈستىدە تەتقىقات»، «يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشىغا نەزەر»، «فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار»، «شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن ئومۇمىي بايان» قاتارلىقلار بار. نيۇ رۇجى بىلەن نيۇ رۇچېن بىرلىشىپ يازغان ماقالىلەردىن «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›نىڭ 1- تومىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر ناملىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى ‹ئونگېن ئابىدىسى›نىڭ تەرجىمىسى»، «يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹رېشاتخان قىسسىسى›» پارچىسىنىڭ تەرجىمىسى» قاتارلىقلار بار. نيۇ رۇجىنىڭ مەخسۇس ئەسەرلىرىدىن «قۇملۇق ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىقىلىرى» (ياڭ فۇشۆ بىلەن ھەمشېرىك)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلىرىگە مۇقەددىمە»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرى» قاتارلىقلار بار.
ئۇندىن باشقا، ئېلىمىزدە بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىگە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن تەرجىمە پېشىۋالىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ سەركىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمىچىلىك بىزگە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېكىن... قاتارلىق ئەجداد تەرجىمانلاردىن ئۇدۇم قالغان. ھازىرغىچە بولغان ھەرقايسى دەۋرلەردە ئېھتىياج بويىچە باشقا تىللاردىن ھەر خىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ، باشقىلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقان تەرجىمانلارنىڭ مەيلى چەت ئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بولسۇن ياكى خەنزۇ كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بولسۇن تەرجىمە قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ھەممە قايىل. يېقىنقى دەۋردىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئاتاقلىق تەرجىمانلاردىن مەھمۇدجان ئىلھامجانوۋ، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇكېرىم خوجا، ئۇيغۇر سايرانى، توختى باقى ئارتىشى، ئىبراھىم ئەھمىدى، رەھمىتۇللا جارىي، ئېزىز يۈسۈپ، روزى تۇردى، جۈمەخۇن، تۇرسۇنئاي ساقىم، مۇساجان ئەزىزى، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، پېڭ زۇڭلۇ، گوجىگاڭ، خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ... قاتارلىقلار تەرجىمە ئەمەلىيىتى ۋە تەرجىمە نەزەرىيىسىدە ئۈلگە بولۇشقا مۇناسىپ ئۇستازلارمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىسمى ئاتىلىشقا مۇناسىپ تۆھپىكارلاردۇر..

※※※
دېمەك، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (ئورقۇن- يەنىسەي ئەدەبىي تىلى)، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى قۇچۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنى، شۇنداقلا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا خارەزم دەۋرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (چاغاتاي ئەدەبىي تىلى)دىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەريانغا ئىگە. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر خەلقى مۇشۇ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيىتىنى يارىتىپ ۋە ساقلاپ، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم- لېنىنىزمچە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشتەك سىياسىي شەرت ئاستىدا، ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، سوتسىيالىزم شارائىتىدا تېز يۈكسىلىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىگە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالايدىغان بىر قورالغا ئايلاندى، شۇنداقلا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكسى ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە تېخىمۈ تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى پەللىسىگە يەتتى. بۇندىن كېيىن تۆھپىكار تىلشۇناسلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشى، تىلنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن مۇكەممەللىشىشى، ئانا تىل ۋارىسلىرىنىڭ ئۇنى سۆيۈپ قوللىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز تېخىمۇ بېيىپ، تەرەققىي قىلىپ بارغۇسى.




ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر