باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلار يار بولغاي

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  
  بىز 2014- يىلىنى تۈگىتىپ، 2015- يىلىغا قەدەم قويۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، ئۆتكەن بىر يىللىق ئۈمۈر بايانىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىپ، يېڭى باشلانغۇسى يىلىمىزغا پىلان تۈزۈۋاتىمىز. مۇشۇنداق خاسىيەتلىك دەملەردە، ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان، ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق تىلچىلىرىمىزغا يېڭى يىللىق سالاملار بولسۇن!

  تىل ئىنساننىڭ بايلىقى، يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت، تارىخىي ۋەسىقە، تەبىئىي پەن، سانائەت بىلىملىرى مۇشۇ بايلىق ئارقىلىق ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ بايلىقتىن قانداق پايدىلىنىش ھەر بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىگە، ئىدراكىغا، پايدىلىنىش دەرىجىسىگە باغلىق. بەزى ۋاقىتتا بۇ بايلىق ئىنساننىڭ بارلىقى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسان مۇشۇ بارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ تىركىشىدۇ. فىرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ناملىق ھېكايىسىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، فىرانسۇز تىلى شۇ ۋاقىتتا فىرانسۇزلارنىڭ بارلىقى بولۇپ ئىپادىلەنگەن.

  تىلچىلارنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى تەتقىق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. يېڭى تىلچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، قۇرۇلما تىلشۇناسلىقىدا تېخى ھەل بولمايۋاتقان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى تەسۋىرلەش جەھەتتە تېخى كەمتۈك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر، مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى جەھەتتە تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى تىل پاكىتلىرىمىز بويىچە يورۇتۇش مەسىلىلىرى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق بويىچە ئۆز تىلىمىزنى باشقا تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش مەسىلىلىرى، تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى داۋامىدا پەيدا بولىدىغان تەسىرلەر، قەدىمكى ۋەسىقىلەر تىلى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى تەتقىقاتىدىكى لېكسىكىلىق تەركىبلەرنى توپلاش ۋە رەتلەش، ئۇيغۇر تىلى فونولوگىيەسى تەتقىقاتى، تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش، چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش جەھەتتىكى مەسىلىلەر تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئىزاھلاش، لۇغەتلەشتۈرۈش، چەتتىن قوبۇللانغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىش... قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر تىلچىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  يېڭى بىر يىلدا، تىلچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەلەر بويىچە ئىزدىنىشىنى، تىلىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تەر تۆكۈشىگە تىلەكداشمەن! ھەممىڭلارنىڭ 2015- يىلى (قوي يىلى)نىڭ قۇت- نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر