باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاشۇ تاغ، دەريا، كىشىلەر: شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ھېكايىسى(3)

2016.03.09 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 2014-يىلى 7-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ ئايال ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ مۇنداق دېدى: ئەتە خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە پۈتۈن مەملىكەت ھەر ساھەدىكى ئاياللارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن. گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى

  باش شۇجى ئاز سانلىق مىللەت ئايال ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلىدى

  شى جىنپىڭ 2014-يىلى 7-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، يېشىل بوستانلىقلار ۋە ھەيۋەتلىك تاغلار بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، مۇھىمى ئادەمگە ۋە تەپەككۇرغا باغلىق.

  «قىزىل گۈللەر قۇياشقا تەلپۈنەر، ھەر مىللەت خەلقى پارتىيەگە تەلپۈنەر». گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل ۋاڭ چىڭ شۇ جاينىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. سۆزى ئاخىرلاشقاندا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا بۇيى مىللىتىنىڭ «قىزىل گۈل» ناخشىسىنى ئېيتتى ۋە بۇ ناخشىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا بېغىشلايمەن، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتقانلىقىنى ماختىدى ھەم ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىغا ياخشى تىلەكلىكرى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تاپىلاپ، يۇرتداشلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئۆزىنىڭ يېزىدا تۇرغان چاغلىرىنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىدا تۇرغاندىكى كەچۈرمىشلىرىم يېزىلاردىكى نامرات ئاممىغا بولغان تەبىئىي ھېسداشلىقىمنى قوزغايدۇ، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغانسېرى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ غېمىنى يەيدىغان بولۇپ قالدىم. باش شۇجى مۇنداق دېدى: كادىرلار ھەقىقىي نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلىشى ۋە ھەقىقىي يۆلىشى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر