باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2016.03.10 16:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنىڭدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، يۆتكىلىپ ئىشلەۋاتقان ۋە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى شەھەر - بازارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى شۇ يەردە ماكانلاشتۇرۇش ئۇنىڭدىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  ۋەكىل، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلغاندا، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

  ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل ۋە ئەزالار مۇنداق دېدى: «يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش» يېڭى تېما بولمىسىمۇ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشتا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يېڭى مەسىلىدۇر. يېزىلاردىن شەھەر - بازارلارغا كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلار ياكى شەھەر - بازارلاردا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ راۋاج تېپىۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان، شۇنداقلا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئاھالىلىرى ئۆي قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك شەھەر - بازارلاردا مۇقىم تۇرۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەھەر - بازارلاردا داۋاملىق تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قالىدىغان ھەم ئەسلىدە تۇرۇشلۇق يېزا - كەنتتە يېرىدىن، ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋال ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئۇلارنىڭ شەھەر - بازارلاردا تىرىكچىلىك قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ

  بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغان ھەم ئۇنى ئالقىشلايدىغانلار شەھەر - بازارلاردا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ شەھەر - بازارلارغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە ياشاش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، بۇنىڭ يەنىلا ئۆي مەسىلىسىگە تاقىلىدىغانلىقى، شۇڭا، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتكەندە، يېزىلاردىن شەھەر - بازارلاغا كىرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىمۇ ئويلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

  يەنە بەزى ۋەكىل، ئەزالار مۇنداق دېيىشتى: ھازىر ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر - بازارلاردا ئۆيگە ئىگە قىلغاندا، ئۇلار ئۆي جابدۇقلىرىنى سېتىۋالىدۇ، شەھەر - بازارلاردا ئىستېمال قىلىدۇ، بۇنىڭ ئستېمالنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا مەلۇم جەھەتتىن پايدىسى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر