باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى

2016.03.10 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىل ۋە ئەزالارنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قارالمىسىنى چۆرىدەپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. ۋەكىل ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سۆزىدە "92-يىلى ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش" سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سەمىمىيىتى يەتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن رەئىسى جىن جيەنباڭ مۇنداق دېدى؛ "92-يىلى ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش" نىڭ يادرولۇق سىياسىي مەزمۇنى ئىككى قىرغاق بىر جۇڭگو دېگەندىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەيۋەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى يىخۇ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. بىز داۋاملىق مۇشۇ توغرا يولنى بويلاپ مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر