باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيەلىك «قىزىل سىزىق» نى يۇقىرى بېسىملىق لىنىيەگە ئايلاندۇرايلى

-باش شۇجى شى جىنپىڭ غەمخورلۇق قىلىپ تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھادىسلىرىنى تۈزەش ئەھۋالى قانداق؟

2016.03.12 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى جەزمەن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، جېنىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ ئىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى قىسمەن جايلاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھادىسلىرى يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليۇرۇق بېرىپ، بۇ ھالقىنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلمىغىچە بوشاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  چىنلىڭ تاغ ئېتىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داچا سېلىنغانلىقى، كۇرىل كۆلى ئىچىملىك سۇنى قوغداش رايونىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىندۇرۇلغانلىقى، چىڭخەي مۇلى كۆمۈرلىكىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق قېزىلىپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقى، شىنجاڭ قارا مەھەللە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىنىنىڭ «قىسقارتىلىپ» كۆمۈر كانغا بوشىتىلىپ بەرگەنلىكى قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

  ھازىر بۇ جايلارنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى قانداق؟ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ياخشىلاندىمۇ-يوق؟ «شىنخۇا نەزىرى» مۇخبىرى بۇ ھەقتە ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلدى.

  ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەمىلىيلەشتۈرۈلىشى قانداق؟

  --كۇرىل كۆلىنىڭ تىندۇرۇلغان جايىغا گولف توپ مەيدانى ياسالدى

  كۇرىل كۆلى جېجياڭنىڭ ئەڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرا رايونىنىڭ بىرى. ھالبۇكى، بۇ جاينىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىر مەزگىل ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. 2013-يىلى، تاراتقۇلار كۇرىل كۆلىنىڭ تىندۇرۇلغان جايىغا ئالىي دەرىجىلىك مېھمانساراي، داچا ۋە گولف توپ مەيدانى سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كەسپىي ساھەلەر ئىچىدە داڭقى بار كۇرىل كۆلى يېزا گولف توپ كۇلۇبى، ئىچىملىك سۇ بايلىقىنى بۇلغاش ئېھتىماللىقى بارلىقى سەۋبلىك ئەيىبلەندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گوخې پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن نەيكې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر گولف توپ كۇلۇبى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. مۇخبىرنىڭ خېڭئەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ جاي ھازىرقى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ئاساسىدا، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ھەم كۆل تىندۇرۇش ھادىسىسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر