باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن يېڭى يېڭى پىلانلار كۆرسىتىلدى

2016.03.12 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش __ يىغىن مەيدانى ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر كۆز تىككەن قىزىق نۇقتا ۋە مەركىزىي نۇقتا بولدى، مىللىي رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىل ۋە ئەزالار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىلان پىروگرامما لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ بىر قىسىمى بولۇپلا قالماي، يەنە مىللىي رايونلار تەرەققىياتىغا،يېڭى كەلگۈسىگە پىلان تۈزۈشتىكى مەجبۇرىيەت تەلىپى.

  خۇنەن ئۆلكىسى شىياڭشى تۇجيازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستتىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى تىرەن لەن، رايونلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بەكرەك دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى يەنە چوڭىيىپ بېرىۋاتىدۇ، نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى نامراتلىق سىزىقى ئاستىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەر يەنە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، مېنىڭچە رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقىنى ھەل قىلىش، دۆلەت سىياسەت جەھەتتە نامرات مىللىي رايونلارغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نوردې مۇنداق دېدى: مىللىي رايونلار 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى كېرەك، ئەمما بۇ ھاللىق سەۋىيەنىڭ ئۆلچىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، ئېكولوگىيەلىك رايونلارغا جايلاشقان مىللىي رايونلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ.

  13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدىن دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقى شۇنداقلا ئوتتۇرا غەربى رايونلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ئايان بولدى، بۇ ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنى ناھايىتى روھلاندۇردى،ئۇلار كەلگۈسىدە مىللىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن تېخىمۇ زور ئۈمىدگە تولدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى لو سانجياڭسۈن مۇنداق دېدى: بىز 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىچۈەن شىزاڭ تۆمۈر يولىدا تېزراق ئىش باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ شىزاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتە زور رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىگە قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭدا تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن پەقەت بىرسىلا بولسا بولمايدۇ، ئۈرۈمچى _ غۇلجا، ئۈرۈمچى - قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى دۆلەتنىڭ پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلسە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىسا.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى نىماجوما تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت گولموددىن چېڭدۇغا بارىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى 13-بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بۇ تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېزراق باشلىسا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر