باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل بەش جاي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى ئۆز ئالدىغا چىقىرىدۇ

2016.03.12 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 10-مارت چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، جياڭسۇ، جېجياڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆز ئالدىغا سوئال چىقارغاندىن سىرت، قالغان جايلارغا دۆلەت سوئال چىقىرىش مەركىزى بىر تۇتاش سوئال چىقىرىدۇ، ئەمما ئىمتىھان قەغىزى ئوخشىمايدۇ.

  يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: چۈنكى ھازىر ھەر قايسى جايلار ئىشلىتىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى بىر يۈرۈش ئەمەس. ھەر قايسى جايلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ئىسلاھاتى، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىمۇ پۈتۈنلەي بىردەك ئەمەس. شۇڭا، سوئالنى دۆلەت سوئال چىقىرىش مەركىزى بىر تۇتاش چىقىرىدۇ، لېكىن بۇنىڭدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، ياكى بەش جاي بىر سوئال قەغىزىنى ياكى ئون جاي بىر سوئال قەغىزىنى تاللىشى مۇمكىن.

  يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: مائارىپ-دەۋرىيلىكى ئۇزۇن خىزمەت، چوڭقۇر تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئادىللىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىلمىي تاللانغان ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش چارىسى چىقىرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر