باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.03.10 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى. يىغىندا يەنە خەير - ساخاۋەت قانۇنى لايىھە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان دائىمىي كومىتېت بەش قانۇن تۈزدى، 37 قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرىگە دائىر بىر قارارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، بىر قانۇن لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى، قانۇن مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار قاراردىن سەككىزنى ماقۇللىدى؛ ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 17 خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئىككى قارارنى ماقۇللىدى؛ مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى مۇھاكىمە قىلىش، قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى سەككىز دوكلاتىغا، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى ئالتە دوكلاتىغا قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى ماقۇللىدى، ئېلىمىز چەت ئەل بىلەن تۈزگەن 11 شەرتنامە، كېلىشىم ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى، ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە تەستىقلىدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ئورۇندىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دائىمىي كومىتېت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر