باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى

2016.03.10 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى تۈنۈگۈن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، خۇاڭ جېفۇ، فەن شياۋجيەن، خۇ شياۋيى، لى ۋېيخۇڭ، ليۇ چاڭمىندىن ئىبارەت بەش سىياسىي كېڭەش ئەزاسى نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ يىلقى خامچوت دوكلاتىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەبلىغىنى %6.5 يۇقىرى كۆتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 11 يىل ئۇدا ئاشۇرۇلغاندىن ئېشىش دەرىجىسى تۇنجى قېتىم %10 تىن تۆۋەن بولدى. ئەزا خۇ شياۋيى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، مالىيە چىقىم ئىقتىدارى، مال باھاسى سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش ئارقىلىق بېكىتىلگەن. خۇ شياۋيى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوممىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەبلىغى ئۆلچىمىنى تەڭ ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇخبىرنىڭ مەكتەپ تاللاش قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ليۇ چاڭمىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مېخانىزم جەھەتتە مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنىڭ ئىلغار مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىلغار مائارىپ بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قاندۇرغىلى بولىدۇ. خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ بولسا جەمئىيەتنى خاس مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا مائارىپنى تېخىمۇ كەڭ ۋە ھەر خىل ئېھتىياجلارنى قاندۇرىدىغان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغاندا، مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل بولىدۇ. خۇاڭ جېفۇ، فەن شياۋجيەن، لى ۋېيخۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئەزا يەنە كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، داۋالاش ئىسلاھاتى، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر