باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئادەم-ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى جەڭدە لى شىشى مەغلۇب بولدى

2016.03.10 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «<ئالفا قورشاۋ شاھمات>ئويلىغىنىمدىنمۇ يامانكەن» دېدى كورېيەلىك شاھمات ماھىرى لى شىشى 9-مارت تۇنجى مەيدان ئادەم-ماشىنا جېڭىدە يېڭىلگەندىن كېيىن.

  «ئالفا قورشاۋ شاھمات» بىلەن لى شىشى ئوتتۇرىسىدىكى بەش مەيدان شاھمات مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسى 9-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە سېئۇلدىكى تۆت پەسىل مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، تۆت يېرىم سائەتلىك تىركىشىشتىن كېيىن، چوڭقۇر تەپەككۇر شىركىتى ياسىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق «ئالفا قورشاۋ شاھمات» 186قېتىم يۈرۈش ئارقىلىق لى شىشىنى مەغلۇب قىلدى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن، لى شىشى: «<ئالفا قورشاۋ شاھمات>نىڭ ئىپادىسىگە ھەيران قالدىم، ئەمەلىيەتتە ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ قويمايمەن دەپ قارايتتىم. بىراق <ئالفا قورشاۋ شاھمات>شۇنچىلىك مۇكەممەل ماڭدى، راستىنلا ئويلىماپتىكەنمەن. مېنىڭچە تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت سەۋەبلىك قارا ئۇرۇقلار ئىزچىل قىيىن ھالەتتە قالدى»، دېدى.

  مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەمدىكى 4مەيدان مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، 12-كۈنى، 13-كۈنى ۋە 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىر تەرەپ ئاۋۋال 3مەيدان يەڭگەن تەقدىرىدىمۇ 5مەيدان مۇسابىقە تولۇق ئوينىلىدۇ. مۇسابىقىدە جۇڭگو قائىدىسى قوللىنىلىدۇ، قارا ئۇرۇق تەرەپ 3.75ئۇرۇق يول قويىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتى ئىككى سائەت بولۇپ، 3قېتىمدا 60سېكونتلۇق ۋاقىت ئوقۇلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر