باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاشۇ تاغ، دەريا، كىشىلەر: شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ھېكايىسى(2)

2016.03.09 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئايال ۋەكىللەر، ئەزالارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئايال ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن. گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى

  باش شۇجى گۇاڭشى ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تەكىتلىدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 8-مارت خەلق سارىيىنىڭ گۇاڭشى زالىغا كېلىپ، گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكدىكىلەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا ئورتاق پىكىرلەشتى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، باش شۇجى گۇاڭشىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گۇاڭشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە گۇاڭشىنىڭ ئىشىكنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ۋەتەننىڭ جەنۇبىي چېگراسىنى گۈللەندۈرۈش، مۇقىملاشتۇرش يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، شى جىنپىڭ ياش ۋاقتىدا گۇاڭشىغا، گۇيلىنغا تۇنجى قېتىم بارغاندىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ھاياجانلىق ئىچىدە ئەسلىدى. شۇ كۈنى دەل «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئايال قېرىنداشلارغا بايراملىق سالام يوللىدى.

  باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشىكنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دەل جايىدا چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋاقتىنى تەتۈر ھېسابلاپ، تەپسىلىي ھېساباتنى ياخشى قىلىپ، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت ۋە رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، نامراتلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر