باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە 13- بەش يىللىق پىلان لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.03.10 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇزاكىرىدە مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە 13- بەش يىللىق پىلان لايىھەسىگە بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، تەڭكەش تەرەققىيات ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپتۇ؛ بۇ ئاساسلىقى تەرەققىياتتىكى كەم كۇستلارنى تولۇقلاش، تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مەۋقەنى يىراققا قارىتىش، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەش ئىستراتېگىيەسى كۆزدە تۇتۇلۇپتۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم سۆز ئومۇميۈزلۈك. رايون پەرقىدىن شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى، ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك تەرەققىياتنىڭ ماس قەدەمدە بولماسلىقىغا قارىتا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەڭكەش تەرەققىياتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن بىر يىللىق مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ دېيىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەم تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشنىڭ ئاچقۇچى، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر