باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىللىك بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا

2016.03.10 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل ئېزىز مۇسا 6 - مارت بېيجىڭ «جىڭشى» مېھمانسارىيىدىكى ياتىقىدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا بەرمەكچى بولغان تەكلىپلىرىدىن مۇھىم بىر تەكلىپنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مەقسىتىمىز دۆلەتتىن مەبلەغ، تېخىمۇ ئېتىبار سىياسەت تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىغا ئېرىشىپ، خوتەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر ۋىلايىتىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى تەييارلىقلارنى قىلىپ قويدى، مەسىلەن: خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. مېنىڭچە، تېخىمۇ چوڭقۇر سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە سۇ ھەققى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۈر. بۇ تەسەۋۋۇر بويىچە بولغاندا، كەلگۈسىدە سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇدىن تېجەشلىك ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ قىسلىقىنىڭ خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىشىنى يەڭگىللىتىمىز. بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە دەلىللەش خىزمىتىنى باشلىۋەتتۇق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىمىز.

  ۋەكىل، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ، جۈملىدىن خوتەننىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ھەم ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ئاساسلىق مۇشۇ مەزمۇندىكى تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇ تەكلىپلەر ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەچكە، تەكلىپلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋە بېجىرىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولغان.

  ئېزىز مۇسا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەزمۇنىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى؛ خوتەن شەھىرىدىن قاراقاش ناھىيەسىگىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىقى؛ تارىمنى بويلىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ دەلىللىنىشكە باشلىغانلىقى؛ مەركەزنىڭ مەخسۇس سىياسەت چىقىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئاچقانلىقىدەك بۇ چوڭ - چوڭ ئىشلاردىن تولىمۇ خۇش بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر