باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيىسىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ بايقالدى

بۇ سۇ بىلەن راك كېسەللىك ئالامىتىنى يىنىكلەتكىلى بولۇشى مۇمكىن

2016.03.10 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-مارت، مۇخبىرنىڭ نىلقا ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، نىلقا ناھىيىسى ئوتتۇرا تەڭرىتاغنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى بۇلۇڭ جىلغىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4000مېتىر كېلىدىغان جايىدا تۆت ئورۇندا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئېگىز تاغ تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ بۇلىقى بايقالغان، بۇ سۇنىڭ راك كېسەللىك ئالامىتىنى يىنىكلىتىشكە نىسبەتەن مەلۇم رولى بار ئىكەن.ئاتالمىش تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ، تەركىبىدىكى دېتېرىي مىقدارى تەبىئىي سۇنىڭ دېيتېرىي مىقدارىدىن تۆۋەن سۇنى كۆرسىتىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى ئالاھىدە مۇھىت ئاستىدا دېيتېرىي ئېلېمېنتلار سۈزۈلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن، ئادەتتە كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز مۇزلۇق رايونلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتى گىدرو سۇ بايلىقى كەسپىدىكى گو يۈچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ داۋالاشتىن كېيىنكى راك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، راك كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىشتە مەلۇم رولى بار بولۇپ، ئاساسلىق پىرىنسىپى جانلىقلار تېنىدە تۆۋەن دېيتېرىي مۇھىت شەكىللەندۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە بىنورمال ھۈجەيرە تەرەققىي قىلىشىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق.»

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ يەر ئاستى سۈيى مىنېرال سۇ ۋە مۇھىت ئۆلچەش مەركىزى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئۆلچەش تارماقلىرى 38تۈركۈم قېتىم، 3100قېتىملىق نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نىلقا ناھىيە بۇلۇڭ جىلغىسىدىكى 1 - نومۇرلۇق ۋە 2 - نومۇرلۇق بۇلاق سۇيىنىڭ ھىدروگېن ئىزوتوپى دېيتېرىي قىممىتىنىڭ -93ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان، نۆۋەتتە، دۇنيا مىقياسىدا مەلۇم بولغان تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ تەركىبىدىكى دېيتېرىي سانلىق قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، بۇلاق ئەتراپىدىكى ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جاينىڭ ھەممىسى مۇناسىپ قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىلغان، چارلاش، تەكشۈرۈش، ئېچىش ۋە قوغداشنىڭ ھەممىسىنى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بىر ساياھەت شىركىتى بىللە ئېلىپ بارغان. بۇلاق سۈيى تەركىبىدە كۆپ خىل ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنت بلۇپلا قالماستىن يەنە، مېتا سىلىتسىك كىسلاتا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭا بۇ بۇلاق سۈيىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى تىزلەشتۈرۈش، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش، راكقا تاقابىل تۇرۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش قاتارلىق جەھەتتە رولى بولۇپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قەدەر كۈچلۈك نەملىك ساقلاش، گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، تەبىئىي گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇلاق سۈيى ئېكولوگىيەلىك مەنبەسىنى قوغداش بىلەن بىرگە، بۇلاق سۈيىنىڭ سودا قىممىتى قېزىپ، ئىچىملىك سۇ ۋە تەبىئىي تېرە ئاسراش تەرەپتىن شۇ يەردىكى بۇلاق سۈيىدىن داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر