باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئەقىل كۆرسەتتى

2016.03.10 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كەلگۈسى بەش يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسى ئۇلۇغۋار پىلاندىن تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلانماقتا. بۇ يىل «13 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باشلىنىش يىلى. ئۇنداقتا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولغان ئاپتونوم رايونىمىز بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك، ئىلگىرىلەش يولىدا قانداق قىيىنچىلىقلار بار، بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەردە، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىل ۋە ئەزالار مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىشى نەتىجىسىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى، شۇنىڭدەك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغۇچى سۈپىتىدە، ھەم مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلىشى ۋە يېتەكلىشىگە تايىنىشى، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق ئىقتىساد كارىدورىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، سودىدا ھەمكارلىشىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى زۆرۈر.

  ۋەكىل، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئاپتونوم رايونىمىزدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇقەررەر ھالدا بىر تۈركۈم تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ يول يۈرۈشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، بۇ پۇرسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بەش پورتنى سەككىز دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇش، بىر يولنى ئاسىيا - ياۋروپاغا ئۇلاش» جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «بەش مەركەز، ئالتە كەسىپلەر جۇغلانما رايونى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىتىپ، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەشقەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بىرىكىش نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسى، رايون مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇشقا كۈچەيدۇ.

  ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشى ھەم دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

  ۋەكىل ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا جايلىشىشتەك رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق ئويۇن قويۇش مەركىزى قۇرساق، ھەم يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز، ھەم يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتالايمىز، يەنە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر