باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى

ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشقان خەلق تۇرمۇشى ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك

2016.03.10 15:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 - مارت چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

  ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

  ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا دۆلەت خامچوتىنىڭ قەيەرگە، قانداق خەجلىنىدىغانلىقى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىكەن، ناھايىتى تەپسىلىي بوپتۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامغا سالغان سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. مۇشۇنداق خەلق تۇرمۇشى ئىدىيەسىنىڭ ھەر يىلى داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋەكىل نابلاشاھ خۇجاخۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، چەت - ياقا جايلاردىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە مەدەت بېرىلىپتۇ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن كونكرېت چارىلەر تۈزۈلۈپتۇ. ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قونجىراپ پورتىغا تايىنىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىگە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىلسە؛ تاشقورغاندىكى دېڭىز يۈزىدىن 5000 ~ 6000 مېتىر ئېگىز رايونلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئېگىزلىك كېسىلى يۈز بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتى تەڭشەلسە.

  ۋەكىل سۇلتان جايناق مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىدە ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلار ياشايدۇ، ئۇلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماستىن، يەنە چېگرانى خالىس چارلاش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شارائىتى جاپالىق بولغان چېگرا لىنىيەسىنى ئۈن - تىنسىز قوغدايدۇ. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا تۇرمۇش ياردىمىنى ئۆستۈرۈش، چېگرادىكى پۇقرالارنى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى مەملىكەت شۇنداقلا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىتىش، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.

  ۋەكىل ۋاڭ جيەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش فوندى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قان بېرىش خاراكتېرلىك قوللىسا؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرگەن يەرلىك كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولسا.

  ۋەكىل تالغات ھۈسەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، ۋاقىت جەدۋىلىگە جەزمەن قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەرىكەت پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، يۆلەش - ئېچىشنى سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، «ئالاقە تورى +» قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ يۆلەش - ئېچىشنى قوللاشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى تېزلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپ باشقا مائارىپ شەكىللىرىنى تولۇقلاپ، پۇقرالارنىڭ كەسىپ - تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياردەمچى كۈچ بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رول ئوينايدۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلاندى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئالاھىدە سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، مەمتىمىن ياسىن، فۇ پۇيەن، چىن جۇڭ، ئابدۇللا ئابباس، ئادىل ھوشۇر، مەردان مۇقىيىت، شى ۋېنخەي قاتارلىق ۋەكىللەر ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى، يۆلەش - ئېچىش، شەھەر، يېزىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردىكى ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر