باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ جەڭدە غەلبە قىلىشىمىز كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2016.03.09 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى.يىغىندا، خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى دەل يۆلەش، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە ماركىلىرىنى يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرىلىدى، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلدى، ئۇ ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ خۇنەننىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلەپ، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش. كۈچەيتىش بىلەن بوشىتىش، ھازىر بىلەن كېلەچەك، سالماق بىلەن رېتىم، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئىككىلەمچى زىددىيەت، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، پۇختا، ئەستايىدىل، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ بىر قولدا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، بىر قولدا خەلق تۇرمۇشىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى قەتئىي پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەمىناتىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان ھالدا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلغان ھالدا، مەزمۇنەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، بازار مېخانىزمىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات نىشانى قىلغان ھالدا، يېزا ئىگىلىكنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار كوپىراتىپىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا، يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم؛ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە باشتىن-ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش-دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم چوڭ ئىش. ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى نېگىز قىلىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تېخنىكا بىلەن مۇۋاپىق قوللاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئارقا-ئارقىدىن ئالمىشىدۇ، بۇ-ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچوڭ شەھىرىدىكى ئۆزىگە ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن سايلامدا پارا بېرىش دېلوسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى زۆرۈر. بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالمىشىشتا، كەسكىن سىياسىي پوزىتسىيە، قېلىپلاشقان قاتتىق قانۇنىي تەرتىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى، كەسكىن، ئەستايىدىل ئىنتىزام تەلىپى بويىچە، مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  شۇ كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى , مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر