باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقتى

2016.03.10 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ قارىدى: بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىش لازىم. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭ باپىڭسو شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى شىزاڭنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىدىكى مۇھىم پۇرسەت مەزگىلى. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىزاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىشىمىز لازىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى:2015-يىلى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيلىقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، پۈتۈن بىر يىللىق ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، 12-بەش يىللىق پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇردى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. 2016-يىلى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى تىزدىن يېتىشتۈرۈپ، 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى باشلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر