باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 30 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ

2016.03.10 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىللىق پىلان پىروگرامما لايىھەسىگە ئاساسەن، بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا ئېلىمىز ئۆزگىچە كەسىپ جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتېرنېت قوشۇلما كەسپى جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇش، تور سودىسى جەھەتتە نامراتلار يۆلەشنى يولغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 30 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

  ئىنتېرنېت جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپ قالدى. ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېيىشتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچ-تەپەككۇردە كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش، كونا قائىدە يوسۇنلارغا بەك ئېسىلىۋالماسلىق، تور قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، قۇتۇلدۇرۇشتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى شاۋتۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى فەن خۇاپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىنتېرنېت نامرات رايونلار بىلەن سىرتنىڭ ئۇچۇر ئازگىلىنى تۇتاشتۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلارغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش سەھنىسى يارىتىپ بەردى.

  ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى كۇڭ شيۇفېننىڭ ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. گۇڭشەن ناھىيەلىك دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلىرى يىراقتىن ۋىدېيولۇق دىياگنوز قويۇش چارىسى ئارقىلىق، كۇڭ شيۇفېننىڭ بۆرىكىگە سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىدى، ئاندىن كېيىن ئۇنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ قۇتقۇزدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دوختۇر دېڭ چيەندۈي مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر بۇ كەنت ئاھالىسىگە ۋاقتىدا دىياگنوز قويۇلمىغان بولسا، چاتاق چىقىش ئېھتىمالغا بەك يېقىن ئىدى. يىراقتىن ۋىدېيولۇق دىياگنوز قويغاندا، ھەم ۋاقىتنى ھەم پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇنى داۋالاش بايلىقى كەمچىل نامرات رايونلاردا كەڭ تۈردە قوللىنىشقا بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى تيەنجىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەزا ئوۋ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خەنزۇچە بىلمەيدۇ، بىز قوش تىللىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى لايىھەلەپ چىقتۇق، بۇ ئارقىلىق شۇ جايدىكى بالىلار ئىنتېرنېت بىلەن قوش تىل دەرسلىكى ئۆگىنەلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر