باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بەخت ھارپىسى(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.08.05 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەرىزىدىن كىرگەن سەلكىن شامال ئۇنىڭ چاچلىرىنى، مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتتى. ئۇ دەرىزە تەكچىسىدىكى ھالرەڭ ئىچىلغان يەسىمەن گۈلگە قارىغىنىچە دوختۇرنىڭ سۆزىگە جىممىدە قۇلاق سالدى.

  -سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزگە بۇنچە بىپەرۋالىق قىلىسىز؟ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە كىلىڭ، دىگەنتىمغۇ سىزگە-

  -نىمە گەپ بولسا ئۆزۈمگە دەۋىرىڭ-دىدى ئۇ دوختۇرنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەندەك خاتىرجەم ھالدا.

  -بوپتۇ ئەمىسە،ئىنىق گەپنى دەۋىرەي.سىزگە ھازىرلا يۆتكەش قەغىزى يىزىپ بىرەي، چوقۇم يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۇڭ،سەل قارىماڭ، ئۆسمە دىگەن چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس-دوختۇرنىڭ تەلەپپۇزى يەنىلا سەل جىددى ئىدى.

  -سىز مىنى ساقايماس كىسەل بوپ قاپسىز دىمەكچىمۇ؟- چاقچاق قىلغاندەكلا سورىدى ئۇ .

  -ئاۋۋال تەكشۇرتۇپ كىلىڭ، ھازىر ئىنىق بىر نىمە دىمەك تەس. دوختۇر ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەستەك قىلاتتى،ئۇنىڭ يۈزىگە قارىماسلىققا تىرىشىپ قەغەزگە بىرنىمىلەرنى يىزىپ ئولتۇراتتى.

  ئۇ دوختۇرنىڭ دىئاگىنۇز قەغىزىنى تۇتقىنىچە ئاستا قەدەم بىلەن سىرتقا چىقتى.ھاۋا ساپ ئدى.باھارنىڭ نەمخۇش پۇرىقى كىشىنى مەست قىلاتتى.ئەمدىلا گۈللەر ئىچىلىۋاتقان پەسىل بولۇپ،تارچۇق يوللار يىشىللىق ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.ياپ-يىشىل چىملىقنىڭ ئوتتۇرسىدا، بىر تۈپ يىشىل قارىغايغا يانداشقان ھالدا بىر قىزنىڭ بىشىنى سىلىغىنىچە ئولتۇرغان قاناتلىق پەرىشتە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىدىكى تارچۇق يولدىن كىچىك بىر قىزچاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى، قىزنىڭ كەينىدىنلا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ياش، چىرايلىق پەرىشتىدەك ئانىسى يىقىملىق ھاسىرىغىنىچە قىزىنى قوغلاپ ئۆتتى. مەيىن شامالدەك ئىللىقلىق ئۇنىڭ يۈرۈگىگە شۇررىدە قۇيۇلدى. ئۇ قىز بالىنى ياخشى كۆرەتتى، بەكلا قىز بالىلىق بولغۇسى بار ئىدى، قىزىنىڭ ئىپەكتەك چاچلىرىنى قىنىپ-قىنىپ پۇرىۋىلىشنى، قورۇ ئىچىدىكى لەيلىمە ئورۇندۇقتا تەۋرىنىپ ئولتۇرغان قىزىنى غىدىقلاپ، دومىلىتىپ كۈلدۈرۈشنى، قىزى بىلەن بىللە سۇغا چۆمۈلۈشنى، قىزىغا ئۆزى بىلىدىغان ھەممە قوشاق-ھىكايىلارنى، چۆچەكلەرنى ئىيتىپ بىرىشنى خىيال قىلاتتى. ئۇ قاناتلىق پەرىشتىگە ھەم بايىقى قىزچاق كەتكەن تەرەپكە قىيماسلىق بىلەن قارىغىنىچە ئاستا مىڭىپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا چىقتى.

  دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن قايتىپ چىققىنىدا ئەمدى بۇ جايغا قايتا ئاياغ باسمايمەن دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئەزەلدىن تىنى ساغلام ئىدى. يىقىندىن بۇيان ئانچە-مۇنچە ھارغىنلىقنى، بەزى-بەزىدە بولۇپ قالىدىغان بىئاراملىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بەدىنىدە نە ئاغرىق نە باشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى يوق دىيەرلىك ئىدى. قېرىشقاندەكلا ئىش بولدى. بىر كۈنى ئىدارىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە ئىلىپ باردى. تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىچىلا ئۇنى يەنە قايتىلاپ تەكشۈرۈپ، گويا قەستەن سوراپ تاپقاندەك ئۇنىڭ قولىغا قاملاشمىغانلا بىر كىسەلنىڭ دىئاگنۇزىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭ سەل كەيپى ئۇچتى، قولىدىكى قەغەزنى پۈرلەپ تاشلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن زادى كىم قىرىشىۋاتقاندۇ؟ ئىدارە باشلىقىمۇ ياكى دوختۇرمۇ؟..... ئۇ پىيادىلار يولىدا ئاستا كىتىۋاتاتتى، ھاۋا ئوچۇقمۇ ئەمەس، تۇتۇقمۇ ئەمەس ئەمما كۆڭلى نازۇك ئايالدەك مۇلايىم ئىدى. سوزۇلۇپ ياتقان ئاقۇش سىمىونت يول بوۋايلاردەك مىسكىن كۆرۈنەتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە مىڭىپ شەھەر سىرتىدىكى مىشا ئۆستەڭ بويىغا كەلدى. ئۆستەڭدە ھەر ۋاقىت شاۋقۇنلاپ سۇ ئىقىپ تۇرغىنى ئۈچۈن بۇ يەر بۆلەكچىلا يىشىللىق، ھوزۇرلۇق ئىدى. نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ جاي ھازىرقى ھالىتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل ئىدى. ئۆستەڭ بويىدىكى ھەم يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۇۋادان تىرەكلەر مەغرۇر ئەركەكتەك كۆككە تىككىدە قاراپ تۇراتتى. ياپ-يىشىل يوپۇرماقلار ئەرنىڭ باغرىدىكى ساھىپجامالنىڭ چاچلىرىدەك يىيىلىپ، يەلپۈنۈپ، توزغۇپ تۇراتتى. بىر كۈنلەردە يولنى كىڭەيتىپ ياساش ئۈچۈن كۆككە تاقىشايلا دەپ قالغان تىرەكلەر گويا جەڭدە شىھىت بولغان ئەركەكلەردەك بىر-بىرلەپ يىقىلدى. ئۆستەڭ بويى پەيلىرى يۇلىۋىتىلگەن بىچارە قۇشتەك يالىڭاچلىنىپ قالدى. شۇندىن كىيىن يوللار ھەم ئۆستەڭ بويى يىڭىلىنىپ پاكار ئوماق چىملىقلار ،قىزلاردەك نازۇق كۆچەتلەر پەيدا بولدى. بۇ كۆچەتلەر خىلى يىللارغىچە گويا ئاتا-ئانىسىز يىتىم بالىلاردەك بويۇن قىسىپ يا چوڭىيالماي، يا ئۆسەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇلارغا ئەمدىلەتىن جان كىرگەندەك قىلاتتى، ئەمما ئۇلار يەنىلا بىچارە ئىدى. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا ئادەملەرگە سايە تاشلاش تۈگۈل ئۆزلىرىمۇ قاغجىراپ تىنىقى يىتىشمەي قالاتتى.

  مۇشۇ ئۆستەڭنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرۈپ گىدىيىپ تۇرغان ئىگىز بىنا ئۇ ئىشلەيدىغان ئىدارە بولۇپ ئۇنىڭ كۈنلىرى مۇشۇ ئىدارىنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە كۈنلەرنى نىمىشقا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋەتكىنىگە ھەيران قالدى.ئۇ نىمىگە ئالدىرىغان بولغىيتتىكىنە؟ بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تىزرەك تۈگۈتۈپ،باشقا بىر دۇنياغا بىرىشقا ئالدىرىغان بولغىيمىدى؟...ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ باھانىدا تەكشۇرتۇپ داۋالىنىشنى سەۋەپ قىلىپ بىرەر ئايلاپ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.ئۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشلەپ-ئىشلەپ نىرۋىلىرى چىڭقىلىپ بەكلا چارچاپ كەتكىنىنى ئەمدىلا ھىس قىلغاندەك ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىغا روھسىز ھالدا قاراپ قويدى. راستىنى ئىيتقاندا ئۇنىڭ ئەمدى بىرەر ئايغىچە بۇ دەرۋازىغا قەدەم باسقۇسى يوق ئىدى.

  باشلىقى ئۇنىڭغا تىزلا رۇخسەت بەردى. دىئاگنوز قەغىزىنى كۆرىۋىتىپ ئۇنىڭغا سەل ئىچ ئاغرىتقاندەك نىمىلەرنىدۇ دەپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمىدى. خىزمەتداشلىرى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا خوشلىشىپ ئىدارە دەرۋازىسىدىن ئىتتىكلا يىنىپ چىقتى.

  ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ئەركىن ئازادە، قۇشتەك يەڭگىل سەزدى. ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى تىزلا ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى خاتىرجەم ھالىتىدىن سۆيۈنۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىسىلى توغرىلىق ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەسلىكنى قارارىغا كەلدى.

  ئۇ سەپەر تەييارلىقىنى تىزلا تۈگەتتى. ئەزەلدىن يالغۇز سەپەر قىلىشنى ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي بۇ قىتىم ئۆزى يالغۇزلا سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن قىتىم ماڭغان يەكەن بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى يول بەكلا ئۇزىراپ كەتكەندەك، ۋاقىت ئاپتۇبۇسنىڭ چاقىدەك بىر ئىزىدا توختىماستىن پىقىراۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە...دەل-دەرەخ،ئىتىز-ئىرىق،چۆل-باياۋان، تاقىر تاغلار ھەممىسى تەۋرىنەتتى. شۇنچىلىك مەيۈس،پەرىشان ھالەتتە چايقىلاتتى. شۇ دەقىقىلەردە ھەممە نەرسە يالغۇز ئىدى. ھەممىلا نەرسە ھاياتلىققا شۇنچىلىك بىپەرۋا، بىكۆيۈم ھالەتتە قاراپ تۇرىشاتتى. ۋاقىت چۆمۈلە ماڭغاندەك شۇنداق ئاستا ئۆتەتتى. ئادەم ھەم ئاپتۇبۇس يەنىلا بىر خىلدا چايقىلاتتى. بۇ سەپەر گويا مەڭگۈ تۈگىمەيدىغابدەك بۇ يوللار شۇ قەدەر ئۇزۇن ھەم قۇرغاق ئىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر