باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىجادچان جوڭگو»باش تېما قىلىنغان «جوڭگو مەدەنىيەت پەسلى»پائالىيىتى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.08.05 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جوڭگونىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى4-سىنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جوڭگونىڭ ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «جوڭگو مەدەنىيەت پەسلى»پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.بۇ پائالىيەت «ئىجادچان جوڭگو»باش تېما قىلىنغان بۇلۇپ، بەش ئاي ئېلىپ بېرىلىپ، ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ جوڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا گوۋۇيۇەن زوڭلىسى لى كېچىياڭ ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا، جوڭگو ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلىنى جوڭگو ئەنگىلىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى قىلىپ بېكىتكەن.ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جوڭگودا «ئەنگىلىيە مەدەنىيەت پەسلى»پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، كىيىنكى يېرىم يىلدا ئەنگىلىيەدە «جوڭگو مەدەنىيەت پەسلى»پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر