باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 12تۈركۈم سۈپەتسىز ناچار يىمەكلىك سېتىش چەكلىنىپ، يىغىۋېلىشقا بۇيرۇلدى

2015.08.05 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-سىنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندىن ئىگەللىشىچە، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 2015-يىللىق دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش 2-قېتىملىق نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇ لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگەن ئورۇن ۋە لاياقەتسىز تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغان كارخانىلارنى دەرھال توختىتىشقا ۋە سۈپەتسىز ناچار يىمەكلىك يىغىۋېلىشقا بۇيرۇلدى.

  ئىگىلىنىشچە، 2015-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ يېمەكلىك - دورا تەكشۈرۈش ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ، ئىلى ئوبلاستلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئورنى ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش − تەكشۈرۈش ،ئۆلچەش مەركىزى(ئۈرۈمچى) ، شىنجاڭ ئانالىز قىلىش ، سىناق تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق بەش ئورۇندىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى شىنجاڭ مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملار ، گۆش ۋە گۆشتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر ، كۆكتات ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملار ، ئىچىملىك ، تەم تەڭشىگۈچ ، ، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 18چوڭ تۈردىكى 335خىل يىمەكلىك ۋە40 خىل ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردى بۇنىڭ ئىچىدە ، يېمەكلىكلەردىن كۆزىتىش ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈرى لاياقەتلىك ئەۋرىشكە 323 سانى تۈركۈم قېتىم ، لاياقەتسىز سانى 12 تۈركۈم قېتىم ، لاياقەتسىزلىك نىسبىتى % 3.6 بولدى، 40خىل ساغلاملىق يېمەكلىكى تولۇق لاياقەتلىك چىقتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر