باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(2)

2014.10.26 23:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا ئۇزاقتىن بۇيانقى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بېرىلدى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر دەپ ھېسابلاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيىمىز مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلاپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ۋە تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، جەمئىيەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەردە كۆتۈرەڭگۈ ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات، سىياسىي سەگەكلىك، مەدەنىيەت گۈللىنىشى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ئىستراتىگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ يىتەكچىلىك قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئولۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسىزىم، لىنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خۇجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن مېڭىپ، ئاساسى قانۇن، قانۇننىڭ نوپوزىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ھەققانىيلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىككى «يۈز يىللىق كۆرەش نىشانى»، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومومىي نىشانى- جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئۈنۈملۈك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قاتتىق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسى، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىمى قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدىلىيە ئادىللىقى، ئومۇم خەلق قانۇنغا بۇيسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ ئومۇمىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۇرۇشتە، جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر