باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(4)

2014.10.26 23:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، فۇنكسىيەسى ئىلمى، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئادىل، ئاشكارا، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنى تېزدىن قۇرۇشى؛ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئورگان، فۇنكسىيە، ھوقۇق دائىرىسى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خەتەرنى باھالاش، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشنى مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەر ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۆلچەش ھوقۇقى مىزان تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ مەمۇرىي ھوقۇققا بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، خاتالىقنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارىلاشنى دائىملىق ھالەت، ئاشكارىلىماسلىقنى بۇنىڭ سىرتىدىكى پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئاشكارىلاش، ئىجرانى ئاشكارىلاش، باشقۇرۇشنى ئاشكارىلاش، مۇلازىمەتنى ئاشكارىلاش، نەتىجىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادىللىق-قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جان تومۇرى. ئەدلىيە ئادىللىقى-جەمئىيەت ئادىللىقىغا قارىتا مۇھىم يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئەدلىيەدىكى ئادىلسىزلىق-جەمئىيەت ئادىللىقىغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئەدلىيەنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئەدلىيە ھوقۇق ھەرىكىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە پائالىيىتىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشىش كېرەك.

  سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىلارنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، كونكرېت دېلولارغا قول تىقىپ بىر تەرەپ قىلىش خاتىرىسى، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇقتۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوغداش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەدلىيە جەھەتتىكى خىزمەت ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، سوتلاش ھوقۇقى بىلەن ئىجرا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئايرىلغان مېخانىزىم ئىسلاھات سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سەييارە سوت تەسسىس قىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسسىس قىلىش ئۈستىدە ۋە تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا تۈزۈمى تەسسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئەدلىيەدە چىڭ تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىتنى ئاساس قىلىش ۋە قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو بىجىرىش سۈپىتىگە مەڭگۈ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە ناھەق دېلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيەگە قاتنىشىشغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيە جەھەتتە ياراشتۇرۇش، ئەدلىيە جەھەتتە ئىسپات ئاڭلاش، ئەرزىيەت قاتارلىق ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىگە خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق زاستاتېللىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارە، خەلقكە قولايلىق بولغان ئەدلىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەدلىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈدىغان قانۇنىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، خەلق ئىشلىرى دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋانى قانۇنىي جەھەتتىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇمشاق قوللىق قىلىشقا، مۇناسىۋەت بىلەن، ئادىمىگەرچىلىك بىلەن، پۇل بىلەن دېلو بىجىرىشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر