باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(3)

2014.10.26 23:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈپ تەجرىبىسى. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى تۇرغۇزۇلغان. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش-سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىردەك، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قىلىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ خوجايىنلىقىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، پارتىيەدىن ئاساسىي قانۇن، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم پارتىيەدىن پارتىيە ئىچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇش؛ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن-دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، ياخشى قانۇن-ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشتا، قانۇن چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش؛ خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش قارىشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىقىرىلغان ھەر بىر قانۇننى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش؛ ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارىلىق پىرىنسىپىنى قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن، بەلگىلىمىنىڭ دەرھاللىق، سىستېمىلىق، قاراتمىلىق، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇنغا ئىزاھات بېرىش تەرتىپى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ياخشىلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بار خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلاردىكى شەھەرلەرنىڭ يەرلىك جايلىرىغا قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىش؛ ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى توپلاش ۋە ئىسپاتلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ تەرتىپلىك قاتنىشىشى بىلەن قانۇن چىقىرىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، نىزام ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇن تۈزۈمنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال مۈلۈك ھوقۇقى، تۈپ سىياسىي ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى، پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەشنى تۇتاشتۇرۇپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇش، قانۇن چىقىرىشتا ئىسلاھات ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر