خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، 30-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، قىرغىزىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئاخىرلاشتۇرۇش خۇلاسە كۆرىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرەكتە، قىرغىزىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئۇسسۇللىرى، كوللىكتىپ ئورۇنلىغان ئەلنەغمىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قىرغىزستان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، قىرغىزىستانغا 20 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز تەربىيەلەپ بەرمەكچى بولغان. 2013-يىلنىڭ باشلىرىدا، 20 نەپەر قىرغىزىستانلىق ئوقۇغۇچى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا بىر يىللىق ھەقسىز تەربىيەلىنىشكە كەلگەن، بۇ جەرياندا سەنئەت دەرسلىرى ۋە تىل دەرسلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە مەشق قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە سەھنىدە ئويۇن قويالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن.