29-دېكابىر، Schumacher فىرانسىيەنىڭ ئالىپ تېغى ئەتراپىدا قار تېيىلىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ ، بىر تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن ھەمدە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان . ئەڭ دەسلەپكى خەۋەرگە قارىغاندا ، ئۇ قار تېيىلىش قالپىقى كىيىۋالغاچقا يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن ، لېكىن ‹‹ سۈرەتلەر توپلىمى گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىشىچە ، Schumacher نىڭ يارىسى ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولۇپ ، نۆۋەتتە بارغانسېرى ناچارلىشىۋېتىپتۇ .