- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ‹‹يېڭى قىياپەتتە سەپكە قېتىلدى›› (2)
2013.10.09 16:57
ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە يولۇچىلارنىڭ ئازادە ئولتۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، بۇ يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى B-2054 نومۇرلۇق تۇنجى بوئىن 777-200 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ كابىنا ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ، بوئىن 777-200 تىپلىق ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ ‹‹كونىنى يېڭىلاش›› سەھىپىسىنى ئاچقان. بىر ئايغا يېقىن جىددىي خىزمەت ئارقىلىق ، تۇنجى ئايروپىلان كابىناسىنىڭ ئورۇندۇق ، توك مەنبەسى ، يالتىراق نۇر سىزىقچىسى ، گىلەم ، ئايرىش تاختىسى ، قەھۋە ماشىنىسى ، دوخوپكا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىلانغان. بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىنىڭ ئەسلىدىكى 18 ئادەتتىكى ئورۇندۇقى ياتقىلى بولىدىغان 14 يېپيېڭى ئورۇندۇققا ئالماشتۇرۇلغان ، بۇ ئورۇندۇقنى تۈزلىگەندە 2.1 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ، 0.5 مېتىر كەڭلىكتىكى كارىۋات ھاسىل بولىدىكەن ، مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق بۇلۇڭ گىرادۇسىنى توغرا تەڭشىگىلى بولىدىكەن ، بەللىك ، بالداق قاتارلىق سەپلىمىلىرى تولۇق ئىكەن . كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسىنى قولدا تۇتۇپ باشقۇرغىلى بولىدىكەن ، ئورۇندۇقنىڭ ئەتراپىغا ئاقما يوللۇق قورشاۋ تاختا ئورنىتىلغان بولۇپ ، يولۇچىلارنىڭ شەخسىي بوشلۇقى بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قېلىنىدىكەن . يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي بۆلمىنىڭ ئورۇن سانى ئەسلىدىكى 40 تىن 30 غا ئازايتىلغان ، ئىقتىسادىي بۆلمىنىڭ ئورۇندۇقلىرىمۇ ئالماشتۇرۇلغان . ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي ئورۇندۇق سانى 374 تىن 360 قا ئازايغاچقا ، يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان بوشلۇق تېخىمۇ كەڭرى ھەم راھەت بولغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر