مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: تىرىشىپ ئىزدىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم

2020.08.25 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇيدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھازىر، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بىز دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەردۇر، چوقۇم ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش نۇقتىسىدىن تونۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، دەۋرىيلىك مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىش ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، دۇنيا بازىرى تارايغان تاشقى مۇھىتى ئالدىدا، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يېپىق ھالەتتە ھەرىكەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنىڭ ئۇلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئېغىپ كېتىشكە بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مۇقىم ئېشىش ۋە خەۋپ ـ خەتەردىن ساقلىنىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ