مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم

___ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك (3)

2020.08.25 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي تەدبىردۇر. بۇ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ دەل دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىقتىسادى مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان مارگىنال تۆھپىسى مۇقەررەر ھالدا تۆۋەنلەيدۇ، ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ئېچىش − ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە يۈزلىنىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى مول مەزمۇنغا ئىگە. بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، يېپىق ھالەتتە ھەرىكەت قىلغانلىق ئەمەس. دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلقئارا ئايلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئاساسەن ئوخشاش، ئوخشاشلا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىجازەت چەكلىمىسىنى ئازايتىش كېرەك، ئوخشاشلا مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى ۋە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارغا تايىنىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش ئۆزئارا يۇغۇرۇلغاندا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ دۆلەت ھالقىپ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار، مۇلازىمەت ئىمپورتىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ۋەزنىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  قوش ئايلانمىنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، يەنە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر قانداق بىر دۆلەت ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا دۇچ كەلگەن چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتچان ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، بارلىق مەسىلىلەرنى بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ھەم ھاجەتسىز. ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى ئالدىن ھەل قىلىش ئاساسىدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار كۆلىمى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەسى ۋە سانى زور بولغان يۇقىرى ساپالىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، تيەنيەن، ماگنىتلىق لەيلىتىش، يەتىكەن يول باشلاش قاتارلىق بۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشلار قۇدرەتلىك دۆلەت ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىشقا موھتاج بولۇپ، بۇلار دەل دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدۇر. تېخىمۇ كۆپ زور بۆسۈش ھاسىل قىلغاندا، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرگىلى، ياخشى ھەمتۈرتكىلىكنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ