مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش لازىم

2020.08.24 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھازىر، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بەزى سودىگەرلەر بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بازىرىنى نىشانلاپ، بەزى ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى بالىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ يېمەكلىكلەردە كۆپ ھاللاردا ماي، شېكەر تەركىبى يۇقىرى، قوشۇلما ماددىلار زىيادە كۆپ. ساغلام، بىخەتەر بولغان بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرىنى قانداق سېتىۋېلىش بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالدى.

  يېقىندا، جۇڭگو قوشۇمچە يېمەكلىك ئوبوروت جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «بالىلارنىڭ ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلىرىگە بولغان ھەممىباب تەلەپ»تىن ئىبارەت ساھە ئۆلچىمى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، بالىلارنىڭ ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە ساغلاملىقى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئۆلچىمى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلچەم. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ھەممىباب تەلەپ»نىڭ يولغا قويۇلۇشى بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  ھەر بىر بالىنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ. رەڭگارەڭ يېمەكلىكلەر بالىلارنى جەلپ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىن كېيىن، بەزى ئاتالمىش بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرىنىڭ ئادەتتىكى چوڭلار يېمەكلىكلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، بەزىلىرى بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھەتتا كۆپ مىقداردا خۇشپۇراق ماتېرىيال، بىرىكمە پىگمېنت، تاتلىق تەم خۇرۇچى، يېڭى پېتى ساقلاش خۇرۇچى قاتارلىق تەركىبلەرنى قوشىدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، يېمەكلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەر، بولۇپمۇ ھەر خىل قوشۇلمىلارغا بولغان چىدامچانلىق، ھەزىم قىلىش، مېتابولىزم ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئەگەر چوڭلار ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان، ھەتتا تەركىبىدە قوشۇلمىلار زىيادە كۆپ بولغان بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا، سۈمۈرۈلگەن زىيانلىق ماددىلار ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بالىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. «ھەممىباب تەلەپ»تە بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرىنىڭ خام ئەشيا تەلىپى، ئوزۇقلۇق تەركىبى، مىكرو ئورگانىزم كۆرسەتكۈچى، يېمەكلىك قوشۇلمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. مەسىلەن، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، سۈنئىي پىگمېنت، تاتلىق تەم خۇرۇچى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چىشقا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەك قاتتىق بولسا بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمىلەردە بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ چىدامچانلىقى، چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئېھتىياجى ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، «ھەممىباب تەلەپ» دۆلەت ئۆلچىمى ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەۋسىيەلىك ئۆلچەم بولۇپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك چەكلەش كۈچى يوق. بالىلارنىڭ ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار قانۇن، قائىدە، ئۆلچەم قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىپ، تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «بالىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكى» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ناچار يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان كارخانىلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش ھەمدە ئۇلارغا قاتتىق جازا بېرىش كېرەك.

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىپ، بازارنى ساپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك، ساغلاملىقنى بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكىنىڭ «ئاساسى»غا ئايلاندۇرۇپ، بىخەتەر، مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ بالىلىق لەززىتى ئاتا قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ