مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى نەدىن كەلدى؟

2020.08.25 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاسماندىن چۈشمىگەن، شۇنداقلا كاللىغا بىرنى ئۇرۇپلا خىيالىغا كەلتۈرگەنمۇ ئەمەس.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىدىن مىراس قالغان. «نەدىن كەلگەننى بىلىش، نەگە بارىدىغانلىقىنى ئويلاش لازىم». ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈم بەرپا قىلىشى بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە مەدەنىيەت تۇپرىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ماڭساق، بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن تۈزۈملەرنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ. «ھەممە يۇرتنىڭ ئادىتى ئوخشاش، ھەممە جايدا پەرمان بىر تۇتاش بولۇش»تىن ئىبارەت بىرلىك قارىشى، «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساسى مۇستەھكەم بولسا دۆلەت خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى، «ئەخلاقنى ئاساس قىلىش، جازانى قوشۇمچە قىلىش، ئەخلاقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېھتىيات بىلەن جازالاش»تىن ئىبارەت قائىدە-يوسۇن تۈزۈمى، «مۇپەتتىش تەكشۈرۈش، قانۇن- ئىنتىزامنى تەرتىپكە سېلىش»تىن ئىبارەت كۆزىتىش سىستېمىسى... ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇا تارىخىدا، قەدىمكىلەر ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ياراتقان، ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سىياسىي بايلىق بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىن تېپىپ چىقىلغان. 1840- يىلىدىن كېيىن، مىللەتنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئىلغار جۇڭگولۇقلار «ئەجنەبىيلەرنىڭ ماھارىتى ئارقىلىق ئەجنەبىيلەرنى بويسۇندۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن شىمال دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جياۋۇ يىلى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇشى جۇڭگولۇقلارنى قاتتىق چۆچۈتۈپ ئويغاتتى، جۇڭگونىڭ مەغلۇبىيىتى قارىماققا تېخنىكا خەقنىڭكىگە يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، تۈپتىن ئېيتقاندا تۈزۈم خەقنىڭكىگە يەتمەيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو تۈزۈم ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىغا ماڭدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم، پارلامېنت تۈزۈمى، كۆپ پارتىيە تۈزۈمى، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلۈك لايىھەلەرنى سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى قاراڭغۇلۇقتا گاڭگىراپ قالغان جۇڭگولۇقلارنى بىر خىل يېڭى تۈزۈم تاللىشىغا ئىگە قىلدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيەمىز يۈز يىلغا يېقىن ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىنتىلىش قىلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز قىسمەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردا دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىچە دۆلەت تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى تېپىپ چىقتى. ئىلمىي سوتسىيالىزم جۇڭگودا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگودا تولۇق بولدى.

  «دۇنيادىكى توغرا يول دەل ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشتۇر». جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە قايتا-قايتا ئىزدىنىش، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ جەريانى چەكسىز جاپالىق، نەتىجىسى چەكسىز شانلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ