مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا ئىسراپچىلىق نومۇستۇر، ئىقتىسادچىللىق شەرەپتۇر، دەيدىغان كەيپىياتنى يارىتايلى

2020.08.24 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ !» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تەشۋىقات-تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادچانلىق ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا ئىسراپچىلىق نومۇستۇر، ئىقتىسادچىللىق شەرەپتۇر، دەيدىغان كەيپىياتنى يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرىكەت ئادىتى بولۇپلا قالماستىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ھېسابلىنىدۇ. نەچچە ئون يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ماددىي بۇيۇملار كۈنسېرى بېيىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، كىرىم ئاشتى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ۋە تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولىدىغان ئۇ «تەۋەررۈك»نى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كادىرلار ۋە ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان «تىل ئۇچىدىكى ئىسراپچىلىق» ۋە «ھاراق ئۈستىلىدىكى مېھماندارچىلىق» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىشتىن باشلاپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى تۈزۈشكىچە، يەنە تېجەشلىك بولۇش ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، ساغلام ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشتىن تارتىپ، «تەخسىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ تۈگىتىش ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، ئۈستەل يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشكىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت «ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش»نى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرى يەنىلا مەۋجۇت. مېھمانساراي ۋە ئاشخانىلاردا ئېسىل تائاملار ھېچقانچە يېيىلمەيلا مېھمانلار تارقىلىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار يەنىلا ئاز ئەمەس؛ تۈرلۈك زىياپەتلەردە تاماقلار يېيىلمەي، نۇرغۇن يېمەكلىكلەر ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلمەكتە؛ ئەمدىلا ئەۋج ئالغان بىۋاستە كۆرسىتىش كەسپىدە «چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىۋاتقانلىقنى كۆز-كۆز قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بىۋاستە كۆرسىتىش»، «چوڭ ئاشقازان شاھى»لىرى قاتارلىق كىشىلەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دېگەندەك باشقا تۈردىكى ھەر خىل بىۋاسىتە كۆرسىتىشلەرنى توردا كۆپلەپ بېرىش ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىشنى قوغلىشىپ، كىشىلەر قانچە كۆپ يېسە ۋە ئۇنىڭغا تاماشىبىنلار قانچە كۆپ ھەيران قالسا، تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتقىلى بولىدىغانلىقنى قوغلىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتەك ناچار قىلىقلار بىز تەشەببۇس قىلغان ئىقتىسادچىللىق كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈشتىن تولىمۇ يىراقتا قالماقتا.

  ئىسراپچىلىق نومۇستۇر، ئىقتىسادچىللىق شەرەپتۇر، دەيدىغان ئىدىيە چوقۇم پۈتكۈل جەمئىيەت ئىنتىلىدىغان قىممەت قارىشى بولۇشى كېرەك. دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى سەۋىيىگە يەتسۇن، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىق قىلىپ، بايلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ئىدىيەنىڭ تۇپرىقىنى ئۆزگەرتىپ ساپلاشتۇرۇپ، تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ