مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشتىن-ئاخىر ئىككى ياخشى ئاۋانگارت ئەترەت بولايلى

2020.08.25 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتىدۇر. بۇ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىنى مەركەزلىك يىغىنچاقلاش، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئىككى ياخشى ئاۋانگارت ئەترەت بولۇشتا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيەمىز ئەزەلدىن ئاۋانگارت ئەترەتلىك ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. پارتىيەنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەشكىلىي نىزامنامىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»دە ئاۋانگارت ئەترەت ئىدىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «پىرولېتارىيات ئىچىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىي روھقا ئىگە كەڭ ئامما تەشكىللىنىپ پىرولېتارىيات مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە بولۇشى كېرەك، پىرولېتارىيات ئۈچۈن ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان جىددىي ئاۋانگارت بولۇش كېرەك»، دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيە 7-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىلغار، تەشكىللىك قوشۇنى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ». پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە نىزامنامىسىدە: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى»، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

  ئاۋانگارت ئەترەتنىڭ ئاۋانگارتلىقى، ئىلغارلىقى ئالدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى باشقا ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ ئاڭلىق كىشىلەردۇر. ئىشچىلار سىنىپى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىلغار بىر قىسمى. پارتىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە، پۈتۈن خەلقنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتىدۇر. پارتىيە ئەزالىرى ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى ئىلغارلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن خەلق ئىچىدىكى ئىلغارلاردۇر.

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىدۇر. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىلا ئەمەس، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىىنىڭ مەنپەئەتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئىككى ئاۋانگارت ئەترەتنىڭ ئىدىيەسى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەسلىي مەقسەت مۇستەھكەم بولۇپ، بۇرچىمىز زىممىمىزگە يۈكلەندى. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ