مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەھرىمانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

2020.08.24 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى ئەڭ جىددىي پەيتتە، نەچچە مىڭ قۇرۇلۇشچى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كېچە-كۈندۈز قاتتىق جەڭ قىلدى، 1000 كارىۋات سىغىدىغان ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغىچە ئاران 10 كۈن ۋاقىت كەتتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت ئارقىسىدا، سانسىزلىغان قۇرۇلۇشچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائال ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى قوللايدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكىتى بار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنى يېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى بار. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىس تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، كەڭ داۋالاش خادىملىرى ئاتاكىغا ئۆتۈپ، «ئەڭ گۈزەل قارشى ماڭغۇچىلار»نىڭ سىيماسىنى قالدۇردى، ئۇلارنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشتا قالدۇرغان سۆزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ؛ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى دەۋردىكى قەھرىمانلىق روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.

  قەھرىمان نەمۇنىچىلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى. ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجاپ تۇرغان ئىنقىلاب يىللىرىدا، سان-ساناقسىز ئىنقىلابچىلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئاددىي گەۋدىسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈۋرۈكىنى تىرەپ تۇردى، بۇ، قەھرىمانلىق روھىدۇر؛ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش يىللىرىدا، ئېلىمىزنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشچىلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇمنى دەپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ساداقەتمەنلىكىنى جۇڭخۇا زېمىنىغا بېغىشلىدى. بۇ، قەھرىمانلىق روھىدۇر؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن تارتىپ دولقۇنغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرىغىچە، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ياماشقۇچىلاردىن، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدا ئالغا ئىلگىرىلىگەن باشلامچىلارغىچە، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا ئاتلىنىشمۇ قەھرىمانلىق روھىدۇر.

  قەھرىمانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، قەھرىمانلىقنى ئۇلۇغلايدىغان ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى تۈزۈم ئارقىلىق مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ روھى يېتەكچىلىك، تىپىكلىك، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاش، ئاۋانگارت بولۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 2015- يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى»نى ئېلان قىلدى. 2017-يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېيلارغا «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرەپ نامى بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى. قەھرىمانلىق روھى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەت داۋامىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. تۈزۈملەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاپ، قەھرىمانلارنى تەقدىرلىگەندە، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەرنى قەھرىمانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ