مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

--- ئۇلۇغ مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى (5)

2020.08.24 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمىشە خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشكە ئىرادە باغلىدى، ئۇ تىنچلىقنىڭ قەدرىنى ئوبدان بىلىدۇ، ھەمدە تىنچلىقنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىگە ئىگە.

  تىنچ خەلقئارا مۇھىتنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇلار باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس دۆلەت ئىرادىسى بولۇپ كەلدى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر. لېكىن، خەلقئارا مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيمەكتە، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە نارودنىكلىق ئىدىيەسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، زومىگەرلىك تەپەككۇرى ۋە زومىگەرلىك ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇمى، ھەمدە ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇم ئەھۋالى دېگەندەك جەھەتلەردىكى خەۋپ-خەتەرلەر كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، ھەم شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. بۇ پەقەت بىر چوڭ پارتىيەنىڭ مەردانىلىك بىلەن جاكارلىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەر ھەر كۈنى شاھىت بولىدىغان جانلىق پاكىتتۇر. ئەمما بۈگۈن جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كونا قاتمال كاللىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، «دۆلەت قۇدرەت تاپقاندا زومىگەر بولىدۇ.» دەپ زومىگەرلىك تەپەككۇرى بويىچە خىيال قىلىپ، جۇڭگونىڭمۇ شۇ خىل زومىگەرلىك يولىغا مېڭىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ھەم بىلىش جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچە ۋە كاللىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمە كۆزقاراش، ھەمدە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىدۇر.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئۇرۇش ۋە داۋالغۇش ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ھەرگىز باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە تاڭمايدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمىشە خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشكە ئىرادە باغلىدى، تىنچلىقنىڭ قەدرىنى چوڭقۇر بىلىدۇ، ھەمدە تىنچلىقنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىگە ئىگە.

  دەل شۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ تىنچ ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادا بۇ خىل تەنتەنىلىك ۋەدىنى بەرگەن تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشلاپ تاكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر، دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر، ئاندىن يەنە يېڭى دەۋردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتەك مۇھىم تەشەببۇسنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە تەرەققىي قىلىپ ئالغا باستى، ھەمدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. تارىختا كۆپ بوزەك قىلىنغان ۋە خورلانغان ۋە ئەمدى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ