لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى
«گوۋۇيۈەننىڭ ‹مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ى ئېلان قىلىندى
2020.08.17 18:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى، «گوۋۇيۈەننىڭ ‹مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ى ئېلان قىلىندى، بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەشپىيات، ئىجادىيەت ۋە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»دىكى قىسمەن ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ