مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش، ئۇ پەقەت ئىقتىسادىي ھېسابات بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس

2020.08.21 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، يەر شارىدا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تاشلىۋېتىلىدىكەن ياكى ئىسراپ قىلىنىدىكەن. بۇلار 1 مىليارد 300 مىليون توننا ئاشلىققا باراۋەر بولۇپ، ئۇلار تەخمىنەن 1 تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي تەننەرخ، 700 مىليارد دوللارلىق مۇھىت تەننەرخى ۋە 900 مىليارد دوللارلىق ئىجتىمائىي تەننەرخكە باراۋەر كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغىنى شۇكى، يەر شارىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىنتايىن نامرات ھالەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن. ب د ت نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «2020- يىللىق دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئاچ قالىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى 690 مىليونلۇق سان ئاساسىدا، شۇ سانغا يەنە 83 مىليوندىن 132 مىليونغىچە ئادەم قوشۇلۇشى، يەنى بۇنداق كىشىلەر 822 مىليونغا قەدەر بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇ كۈچلۈك پەرقلەرنىڭ كەينىدە دۇنياۋى سېتىۋېلىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى تەكشىسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ رېئاللىق مەۋجۇتتۇر. ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات رايونلاردا، ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىكنى سەرپ قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ھەر يىلى كىشى بېشىغا ئاران تەخمىنەن 10 كىلوگرامدىن توغرا كېلىدىكەن، ئەمما يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە بولسا، بۇ سان 100 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق دېدى: ئاشلىق ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھازىرقى مەسىلە كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئىقتىدارىدا. يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ يېمەكلىك چىقىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغان نامراتلارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى بولغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋىلالمايدۇ، نەتىجىدە، ئۇنداقلارنىڭ ياشاش ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.

  بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە، ئىستېمالچىلار قانچىلىك يېمەكلىك سېتىۋېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى دەپ بىلىدۇ، بەزىلەر يەنە ئىسراپچىلىق قىلمىشىنىڭ نومۇسچىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇنى يېمە-ئىچمەك كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق، بۇ خۇددى بىر ياخشى دېرىزە ئەينىكىنى چېقىۋېتىپ ئەينەك زاۋۇتى ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشچىلىرىغا ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلگەنگە ئوخشاش، دەپ قاراپ، ئۇ خىل قىلمىشتىن ئۆزلىرىنى ئاقلايدۇ. فرانسىيە ئىقتىسادشۇناسى باشىشا ئۆزىنىڭ «كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان» ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل سەپسەتە خاراكتېرلىق نەزەرىيەسىىگە رەددىيە بېرىپ، "سېنىڭ نەزەرىيەڭ پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەنلا توختاپ قالدى، ئەمما كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى سەن ئويلاشمىدىڭ." دېدى ۋە دېرىزە ئەينىكىنى ئالماشتۇرۇشقا كەتكەن شۇ بايلىقنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەپ ياخشى چۈشەنچە بەردى.

  يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنىڭ پۇرسەت تەننەرخى ۋە مۇھىت تەننەرخى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بولسا نۇرغۇن بايلىقلار كۆجۈملەشكەن كەسىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھېسابات تالونىدا ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان تەننەرختىن باشقا يەنە، كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندە، يەر، خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇ ۋە ئېنېرگىيە دېگەندەك دەرھال كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن بايلىقلار سەرپ قىلىنىدۇ. كىشىلەر ئەسلىدە بۇ بايلىقلارنى تېجەپ قالالايتتى، ياۋايى ھايۋانلارنى ياشىغىلى قويماي ئىگىلىۋالغان جايلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا قايتۇرۇپ بېرىپ ۋە ئۇلاردىن بەيدا بولغان تەبىئىي ئوغۇتلارنى ئىشلىتىپ، شۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتلارنى ئىشلىتىشنى ئازايتىشقا، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشكە بولاتتى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ھاسىل بولغان كاربوننىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى پۈتۈن يەر شارى كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى تاشلىۋېتىپ ئۇلارنى يەرگە كۆمگەندە، ئۇلاردىن مېتان قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك پارنىك گازى ھاسىل بولىدىكەن، نەتىجىدە، ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىكەن.

  نۆۋەتتە بىر تەرەپتىن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، 2012- يىلىدىن 2050- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشى ۋە كىرىمنىڭ ئېشىشى پۈتكۈل يەر شارىدىكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ %35تىن %50كىچە نىسبەتتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دېمەك، بۇ، يەر شارى تەبىئىي بايلىقىغا تېخىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ خىل تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى توسۇشى بولسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە زۆرۈر ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ