مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش بىلەن قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

2020.08.21 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. شۇ «يولغا قويۇش پىكرى»دە، سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوت قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پاكلىق جەھەتتە يۈز بېرىدىغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، خادىملارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەدلىيە بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق بەش چوڭ جەھەتتىكى 28 تۈرلۈك يانداش تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن شۇ مەھكىمىنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان سوتچى خادىملارنىڭ تۈر مەسئۇلىيىتى بويىچە، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مەزمۇنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەلىپىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ، ھوقۇقنى قېلىپلاشقان ۋە تەرتىپلىك ھالدا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، سوت قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىشلاردا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى قوللىنىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە قارىتا، ئەسكەرتىشكە بولىدىغان، ئىز قالدۇرۇشقا بولىدىغان، تەتۈر تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ۋە نازارەت قىلىشقا بولىدىغان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سوت قىلىش دەرىجىسىگە ماس كېلىدىغان فۇنكسىيەلىك ئورنى، دېلو كۆلىمى ۋە ئادەم سانى قاتارلىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، «تۆت خىل دېلو» تۈرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مەھكىمە ۋە كوللېگىيە باشلىقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان «تۆت خىل دېلو»نى بايقاش مېخانىزمى، قوزغىتىش تەرتىپى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ئاساس قىلىپ، «تۆت خىل دېلو»نى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىش، كەسىپلىشىش ۋە قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆت خىل دېلو» دېگىنىمىز، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ماجىرالارغا چېتىشلىق بولغان دېلولار، يەنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان دېلولار، چىگىش، مۇرەككەپ ھەم زور ئىجتىمائىي تەسىرى بولغان دېلولار، ئوخشاش دېلو بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان دېلولار دېگەندەك دېلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دېلولار بولۇپ، ئۇلار سودىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ سوت قىلىش ھەرىكىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دېلولارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، «تۆت خىل دېلو»نىڭ سوت قىلىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش بولسا، بۇنداق دېلولارنى ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر.

  ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې فەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى تەقسىملەش مېخانىزمىدا، «بېجىرگۈچىسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئايرىم دېلولاردىن باشقا دېلولارنى ئۈلۈشكەندە، چوقۇم تەۋەككۈل قىلىپ ئۈلۈشۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى ئۇزاق مۇددەتكىچە مۇقىم بىر كېڭەشمە سوت ياكى بىرلا كىشى مەخسۇس تۇتۇپ بېجىرسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا ھەم پاكلىق جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەر ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ، ھەمدە دېلولارنى ئۈلۈشكەندە تەۋەككۈل قىلىپ ئۈلۈشۈش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىسىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ