مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى»نى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

_ _ ئۇلۇغ مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى

2020.08.21 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ چوڭ ھېسابلىنىشى ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ۋە دائىرىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جەھەت يەنە ئۇنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى ۋە زىممىسىگە ئالغان يۈكىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈنلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت يەنە رېئال ۋە چوڭقۇر ھالدا دۇنياۋى ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.

  «پۈتكۈل ئىنسانلار بولسا، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش بىر ئورتاق گەۋدە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا قوللىشىپ ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن كرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.». يۇقۇم ئالدىدا، كىشىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ھېس قىلالايدۇ.

  ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يەر شارىغا تېز سۈرئەتتە تارقالغاندا، كىشىلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» دېگەن بۇ ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013- يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ بىر مۇھىم ئىدىيە بولۇپ، ئۇ ئىدىيە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» سۈپىتىدىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن كەلگەنلىكىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىدىيە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىس ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ئۇلۇغ سۆز بىلەن 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىگە مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپلا قالماي، يەنە «ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش» ئارقىلىق دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن. شۇڭا، بۇ پارتىيە «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش»تا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. لېكىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن تار مىللەتچى ئەمەس، ئىنسانىيەتكە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى. «جۇڭگو ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە. ئۇ چوڭ ھېسابلانغان ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىشى كېرەك.» ئۆزىنى مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاكارلاش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پۈتكۈل جاھاننىڭ ئۇلۇغۋار مەنزىلىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى جانلىق ئىزاھلىدى. بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ چوڭ ھېسابلىنىشى ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ۋە دائىرىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جەھەت يەنە ئۇنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى ۋە زىممىسىگە ئالغان يۈكىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. دۇنياغا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئوخشاش، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان ۋە ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن پارتىيە ناھايىتى ئاز. بۈگۈن جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30كە يېقىنلاشقاندا، ھەمدە جۇڭگونىڭ 800 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، يەر شارى بويىچە نامراتلىقنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70تىن ئاشقاندا، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈنلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە رېئال ۋە چوڭقۇر ھالدا دۇنياۋى ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ