مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىشان، ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2020.08.21 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتالى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك كاپىتالى قاتارلىقلار گىرەلىشىپ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى − سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ مۇھىم ئىشقا ئېشىش شەكلىدۇر. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كاپىتالنىڭ ئىسلاھات داۋامىدا كارخانىنىڭ تىجارەت نىشانى، شىركەتنى ئىدارە قىلىش، كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  نىشاننى يۇغۇرۇش لازىم. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى جەريانىدا، دۆلەت كاپىتالى بىلەن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئىگىلىك كاپىتالنىڭ ئومۇمىي نىشانى بىردەك بولۇش شەرتى ئاستىدا، كارخانا تىجارىتىدىكى كونكرېت نىشاننىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بۇ، پايغا ئىگە ھەرقايسى پايچىكلار قوبۇل قىلالايدىغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە نىشانىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پايچىكلارنىڭ كارخانا تىجارەت نىشانى جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەت كاپىتالى بىلەن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئىگىلىك كاپىتالنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى بېكىتىش، شۇ ئارقىلىق كارخانا تىجارىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ نىشانىنى قاندۇرىدىغان تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېپىش كېرەك.

  ئىدارە قىلىشنى يۇغۇرۇش لازىم. ئىدارە قىلىشنى يۇغۇرۇش − نىشاننى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا كارخانىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى بىلەن ئىجرا قىلىشىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كاپىتالنىڭ نىشانىنى يۇغۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. بۇ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ: شىركەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە دۆلەت كاپىتالى بىلەن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئىگىلىك كاپىتالنىڭ پاي ھوقۇقى نىسبىتىگە ئاساسەن مۇدىرىيەت ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پايچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىسمەن باشقۇرۇش قاتلىمىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنى ئىش ھەققى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى بىلەن ئىجرا قىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ كارخانا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت، باشقۇرۇش قاتلىمىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدىكى ۋاكالەتچىلىك تەننەرخىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش لازىم. كارخانا مەدەنىيىتى − كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا توپلىغان مۇھىم شەكىلسىز مۈلكى بولۇپ، كارخانا كېلەچىكى، مەدەنىيەت قارىشى، قىممەت قارىشى، كارخانا روھى، ئەخلاق ئۆلچىمى، تۈزۈم مىزانى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كارخانىنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتى ۋە ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان كارخانا مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە شىركەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ يېڭى كارخانا مەدەنىيىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك تىپتىكى كاپىتالنىڭ ھەقىقىي يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ