مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

2020.08.12 17:23 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئەربابلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش ھەققىدە 11- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى توغرىسىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاۋغۇست رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى، ھەمدە شۇ قارارغا ئاساسەن ۋە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ ۋە چېن ۋېي (ئايال)گە «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، تىللاردا داستان بولغۇدەك زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. بۇ كۈرەشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن، دادىل، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن، ئوردېن قانۇنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنىغا ئاساسەن، 13- نۆەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- سانلىق يىغىنىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئەربابلارغا دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئەربابلارغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپىنى بېرىش بولسا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسى ۋە شانلىق ئوبرازىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھۆرمىتى ۋە مىللەتنىڭ خاتىرىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوللېكتىۋىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق؛ جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن، خەۋپ-خەتەردىن قورقمايدىغان، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇرلۇق كۆرسىتىدىغان مىللەت پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە، ئارمىيە، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ