مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.08.18 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغى بىلەن كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللايدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىندى؛ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغىنى شەھەر، ناھىيە، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش − «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 8- ئايغىچە، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن 2 تىرىليون يۈەنلىك مالىيە مەبلىغى ئىچىدە، 300 مىليارد يۈەننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلدى؛ بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان 1.7 تىرىليون يۈەن مەبلەغنىڭ بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئالدىن قالدۇرۇلغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايوم مەبلىغىدىن باشقا %97.8 قىسمى شەھەر، ناھىيەلەرگە تەقسىم قىلىپ يەتكۈزۈلدى. سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام مالىيە كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ چۈشۈرۈلگەن مەبلەغنى بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تېز ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەقسىم قىلىش ئاستا بولغان، مەبلەغنى بىكار قالدۇرغانلارغا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەبلەغ تەقسىملەش، ئاجرىتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان ئىز قوغلاپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن مەبلەغنى مەخسۇس دۆلەت خەزىنىسى بىلەن ھېسابات سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھېسابات ئېنىق، ئېقىشى ئېنىق، ھېسابات بىلەن ئەمەلىي نەرسىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ساختا مەلۇم قىلىپ، كۆز بوياپ ئېلىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنىڭ بىرى بايقالسا بىرىنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە يېتىلدۈرۈش، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ