مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشكە مۇستەھكەم ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش كېرەك

2020.08.21 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بولسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىچكى تەلىپىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاشكارىلىغۇچى خاراكتېرلىك ۋە ئۇللۇق خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىخەتەرلىك تورى بولۇش ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، خەلقنىڭ بەخت-سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى يىلى، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىغۇچى خاراكتېرلىك ۋە ئۇللۇق رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، تۈزەش ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ۋە سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئاشكارىلىغۇچى خاراكتېرلىك ۋە ئۇللۇق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش لازىم

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت دېگەندە، پەقەت ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ قاپلىغان دائىرىسى، نوپۇسى ۋە رايونىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىدە بولۇشىنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيە بولسا، ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ھاللىق جەمئىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تۈرلۈك ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى بولسا، ئۇنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىدۇر.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسا، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ۋە ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە مۇھىم تىرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا بولغان تونۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى تۈزەشتىكى بىر قېتىملىق چوڭ سىنىقى بولۇپ قالدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا، كەڭ شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش، ئاممىۋى مۇداپىئە كۆرۈش، ئاممىۋى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇردى، نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خەيرىيەت ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇم يەنە بەزى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بايلىقى كەمچىل بولۇش، تۈزۈلمە مېخانىزمى راۋان بولماسلىقتەك بىر قاتار كەمچىللىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلاندى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش شەرت. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىناق، مۇقىم ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ