مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك

2020.08.12 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئېچىندۇرىدۇ! «بىلەرمۇ ھەر داننىڭ بۇ قىممىتىنى، تەخسىدە غىزا يەپ ھۇزۇر ئالغانلار». گەرچە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن يەنىلا باشتىن-ئاخىر كىرىزىس ئېڭى بولۇشى كېرەك، بۇ يىل يەر شارىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن تەسىر بىزگە تېخىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىشنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تەشۋىق-تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. 2013- يىلى 1-ئايدا، شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قاتتىق تۈزۈم چەكلىمىسى، قاتتىق تۈزۈم ئىجراسى، كۈچلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قاتتىق جازالاش مېخانىزمى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېمالىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى ھەقىقىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە قىسمەن مەكتەپلەردە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ياخشى گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىش، «ئىسراپ قىلماسلىق» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىلىرىنى ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىشتەك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى جايلاردا يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى يەنىلا مەۋجۇت، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ