مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.08.11 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جىلىن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلارنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كەسپىي كوپىراتىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، كوپىراتىپلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشتا، ئۇنىڭ «دېھقانلار ئىگە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىگە تەۋە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىگە خىزمەت قىلىش» تەك ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كوپىراتىپنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كوپىراتىپنىڭ دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلار كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كوپىراتىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنى كوپىراتىپنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، ئەزالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنى كوپىراتىپقا قاتنىشىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېڭى پېتى ساقلاش ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەمكارلىق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشقا ئورتاق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇش، خەلق باشقۇرۇش، خەلق مەنپەئەتلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نىزام-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پايدىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك.

  سىياسەتنىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. سۇغۇرتا كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق سۇغۇرتا تۈرى بىلەن تەمىنلەپ، سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلار كوپىراتىپلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. باج، يەر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلار كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېتەكچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ