دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لىۋان زۇڭتۇڭى ئائۇنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2020.08.06 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاۋغۇست لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لىۋان زۇڭتۇڭى ئائۇنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن دۆلىتىڭىزنىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىدارلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا تىلەكداشمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ