مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قەلبىدە باشتىن-ئاخىر ئامما بولۇش

2020.08.11 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەنجى ناھىيەلىك ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت-ماجىرالىرىنى بىر جايدا قوبۇل قىلىش، بىر قاتار مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرنى ھەل قىلىش ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇخرالار مەسىلىگە يولۇققاندا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان جاي بولۇش كېرەك، زىددىيەتنى بىخ ھالىتىدە ھەقىقىي ھەل قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەدلىيە بولسا، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىدۇر. خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، پۇقرالارغا «جاۋاب» بېرىدىغان جاي، ئۇ بۇ مۇداپىئە لىنىيىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۇقرالار رازى بولىدىغان «جاۋاب»نى ئوتتۇرىغا قويۇش بولسا، ھەم خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەم دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ۋە تەرتىپلىك بولۇشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم يولىدۇر. شۇڭا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، «نېمىنى بېرىش»، «قانداق بېرىش» ۋە «بېرىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇش» دېگەن مەسىلىسىگە ياخشى جاۋاب بېرىشى كېرەك.

  «نېمە بېرىش» دېگەندە، ئۇنىڭدا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنىنى ئادىل يۈرگۈزۈش، بۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىكى ئاساسىي لىنىيەدۇر، پەقەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرغاندا ۋە ئىجرا قىلغاندىلا، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاندىن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك ئەدلىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتى پەقەت «پاسسىپ ھالدا دېلو بېجىرىش» بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، ئەقىل-پاراسەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىش، «بىر مۇلازىمەت جايىدىلا تۇرۇش» ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىن ۋە دەۋا مۇلازىمەت مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، دەۋا قىلىش تەس بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، دېلونى چوقۇم ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت قىلىش، بولۇپمۇ سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنى دەۋادا ئۇتۇپ چىقىپ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھۆكۈم قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى چوقۇم تۈزەش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر ھۆكۈم-كېسىم ھۆججىتىدە «ئالتۇن مىقدارى» بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «قانداق بېرىش» دېگەندە، ئۇنىڭدا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىسلاھات ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئامال بار پۇقرالارنىڭ دەۋالاشمايلا «جاۋاب»قا ئېرىشىشىگە يول قويۇپ، غەيرىي دەۋا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۇقرالارنى ئىمكانقەدەر دەۋانى ئاز قىلىپمۇ ماجىرانى ھەل قىلالىشى ۋە زىددىيەتنى ھەل قىلىشىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بىرلا يەرگە بېرىشى»، «ئامال بار شۇ جايدا ھەل قىلالىشى» ۋە «ئەڭ ياخشى يەرنى تاللىشى»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇقرالارنى ئامال بار ۋاقتىدا «جاۋاب»قا ئېرىشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلولارنىڭ مۇرەككەپلىرى ۋە ئاددىيلىرى بويىچە پەرقلەندۈرۈلۈش ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاددىي دېلولارنى تېز سوت قىلىش، ئوخشاش دېلولارنى مىقدار بويىچە سوت قىلىش، مۇرەككەپ دېلولارنى ئىنچىكە سوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئامال قىلىپ پۇقرالارغا «جاۋاب»نى ۋاقتىدا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش، پاش قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى قائىدە سۆزلەش، ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن گۇمانىي سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى كۈچەيتىپ، دېلولارنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولۇپ دەۋانى توختىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ